ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

2015-يىللىق «يەرشارىدىكى يۈز نەپەر ئەڭ نوپۇزلۇق ئايال تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى
2015-06-03 14:33:05   مەنبە:   كۆرۈلىشى:




جۇڭگو كۈندىلىك گېزىت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

«فۇربېس» ژۇرنىلى 2015-يىللىق «يەرشارىدىكى يۈز نەپەر ئەڭ نوپۇزلۇق ئايال تىزىملىكى» نى ئېلان قىلدى، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل ۋە كېيىنكى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ئەلباش سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشنى ئېلان قىلغان ھىلارى كىلىنتون ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگەللىدى، ئەكىسچە بۇ تىزىملىككە كىرگەن ھوللىۋود چولپانلىرى بېيونىس، تايلور سىۋىت، ئەنجىلىنا جۇلى ۋە ئوپىراھ ۋېنفىرىي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

بۇ تىزىملىكتە ناخشا خانىشى بىيونىس 21-ئورۇنغا تىزىلدى، ئوپىراۋ ۋېنفىرىي 12-ئورۇنغا تىزىلدى، مودا ژۇرنىلى «Vogue» نىڭ باش مۇھەرىرى ئاننا ۋىنتور 28-ئورۇنغا تىزىلدى. بۇ تىزىملىككە كىرگەن ھوللىۋود چولپانلىرى يەنە 50-ئورۇندىكى ئېلىن دېگېنېرىس، 54-ئورۇندىكى ئەنجىلىنا جۇلى، 57-ئورۇندىكى سوفىيا ۋېرگارا ۋە 81-ئورۇندىكى لاتىن ناخشا خانىشى شاكىرانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

سەھرا ناخشىسى خانىشى تايلور سىۋىت 65-ئورۇنغا تىزىلدى، گەرچە رەت-تەرتىپى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن ئۇ بۇ تىزملىكتىكى ئەڭ ياش ئايالغا ئايلاندى.  


ئالدىنقى مەزمۇن: گانا كىنو بايرىمىدىكى ئەڭ ناچار كىيىنىش باھالاپ چىقىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: ھوللىۋود چولپانلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم قىزىل پاياندازدا ماڭغان ھالىتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号