ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

بېكھامنىڭ قىزى 40 مىڭدىن ئاشىدىغان LV ھاراق ساندۇقىنى تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتى قىلدى
2018-05-05 19:40:24   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى 5-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېكھامنىڭ قىزى خارپېر تىلغا ئېلىنسا، كۆپىنچە كىشىلەر بەلكىم بۇ سۈرەتنى ئېسىگە ئېلىشى مۇمكىن. كىچىك ۋاقتىدىكى خارپېر قارىماققا «قىزىنى ئەتىۋارلاش پىرى» بېكھامنىڭ قۇچىقىدىن ئايرىلالمايدىغاندەكلا قىلاتتى. بېكھاممۇ ھەم بىر ئۆمۈر قىزىنىڭ خىزمەتكارى بولۇپ، قەيەرگىلا بارسا دادىلىق سۆيگۈسىنى ئىپادىلەشتىن يانمايتتى.

بېكھامنىڭ 43 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ۋە بىر قىزى بەس-بەستە تۇغۇلغان كۈنلۈك تەبرىك سۆزلىرىنى يوللاپ، بېكھامنىڭ دادا بولغاندىكى بەخت تۇيغۇسىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزدى. 

خارپېر بولسا، قىممىتى 4950 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 42600 يۈەنگە باراۋەر) قىممىتىدىكى LV ھاراق ساندۇقىنى سوۋغا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە يەنە ئىككى رومكا ۋە بىر پارچە كارتا قويۇلغان بولۇپ، كارتىغا: «دادامنىڭ ھاراق ئىسكىلاتى-سىزنى سۆيىدىغان خارپېردىن» دەپ يېزىلغانىدى. سوۋغاتنى تاپشۇرۋالغان بېكھامنىڭ خۇشاللىقى ئاغزىغا يەتتى. بەزى تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، خارپېر ئاپىسى ۋىكتورىيەنىڭ ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتىكى مودا قارىشىنى ئىرسىيەت قىلغان.

خارپېرنىڭ مۇشۇنچىۋلا قىممەت باھالىق سوۋغاتنى سېتىۋالالايدىغانلىقىغا قارىتا تورداشلار گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بۇ پۇلنى ئۆزى چىقارغانمۇ؟ ياكى بۇنداق ئامالنى ئۇ ئويلاپ چىققانمۇ؟» دېيشىتى.

ئەمەلىيەتتە، بۇ كىچىك «جىنتەك»كە سەل قارىماڭ. ئالاھىدە سودا كاللىسىغا ئىگە ۋىكتورىيە ئاللىبۇرۇنلا خارپېرنىڭ نامىنى سودا ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرغان. بۇنىڭ دائىرىسى گىرىم بۇيۇملىرى، ئويۇنچۇق، كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ. خارپېر بېكھام ماركىسى يەنە تاماشا ساھەسىدىمۇ رويخەتكە ئېلىنغان.

يەنە كېلىپ، خارپېر كۆپلىگەن ماركىلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغان، ئۇ تېخى ئاپىسى ۋىكتورىيەنىڭ ماركىسىنىڭ خاس مودېلى. مانا مۇشۇنىڭدىنلا، بۇ سوۋغاتنىڭ خارپېرنىڭ ئۆزىنىڭ پۇلىغا سېتىۋالالغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، خارپېر تولىمۇ ئەقىللىق قىز، بۇ يىللىق پاسخا بايرىمىدا، ئۇ ئۆز قولى بىلەن كارتا ياساپ، ئاپىسىغا سوۋغا قىلغان ھەمدە كارتىغا: «قەدىرلىك خاسىيەتلىك ئاپا، سىز ئاۋۋالىقدەكلا شۇنچىلىك گۈزەل ۋە يۇمۇرستىك! سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان قىزىڭىز خارپېر»، دەپ يازغان. ئەلۋەتتە، ۋىكتورىيەمۇ چەكسىز بەخت ئىچىدە بۇنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يوللاپ، بەختلىك مىنۇتلىرىنى كۆپچىلىككە ھەمبەھىرلىگەن.

ئالدىنقى مەزمۇن: 2018-يىلى 5-ئايدا قويۇلىدىغان بوللىۋود كىنولىرىغا نەزەر
كېيىنكى مەزمۇن: كورېيە سەنئەتكارى سون يېجىننىڭ ئەڭ يېڭى بىر گۇرۇپ مودا سۈرەتلىرى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号