ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

كورېيە يېڭى تىياتىرى«چارىسىز ئادۋوكات» ئەڭ يېڭى تەشۋىق سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى
2018-05-05 19:39:36   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

20180505115204321.jpg

سىنا تورى 5-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كورېيە tvN تېلېۋىزىيەسىنىڭ يېڭى تىياتىرى «چارىسىز ئادۋوكات» (无法律师) يېقىندا رەسمىي تەشۋىقات مۇقاۋىلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئېلان قىلىنغان مۇقاۋىلاردا تىياتىردىكى باش رولچىلاردىن ئى جۇنگى، سو يېجى، ئى خيېيوڭ، چوي مىنسۇ قاتارلىقلارنىڭ ئوبرازى نامايەن بولغانىدى. «چارىسىز ئادۋوكات» تىياتىرىدا ھەممە ئىشنى مۇشت بىلەنلا ھەل قىلىدىغان «چارىسىز ئادۋوكات» بوڭ ساڭپىلنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك زەردارلارغا تاقابىل تۇرۇش ھېكايىسى بايان قىلىنىپ، ئۇنىڭ بۇ جەرياندا پىشىپ يېتىلىپ ھەقىقىي بىر «ئادۋوكات» قا ئايلىنىشىدەك ۋەقەلىك سۆزلىنىدۇ. تىياتىردا سەلبىي ۋە ئىجابىي روللارنى ئالىدىغان تۆت مۇھىم پېرسوناژنى بىرلىك قىلغان بۇ تەشۋىق سۈرەتلەردە ھەر قايسى پېرسوناژلار ئۆز ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايەن قىلغان بولۇپ، ئوبرازلارنىڭ تۈرلۈك چىراي ئىپادىلىرى كىشىنىڭ مەزكۇر تىياتىرغا بولغان تەقەززالىقىنى قوزغايدۇ.

ئۇندىن باشقا، 16 قىسىملىق «چارىسىز ئادۋوكات» تىياتىرى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى (كورېيە ۋاقتى) كەچتىن باشلاپ كۆرسىتىلىدۇ.

تىياتىر باش رولچىسى ئى جۇنگىنىڭ سۈرەتلىرى:


ئالدىنقى مەزمۇن: «ئەۋلىيا ئەزەم» ليۇ شياۋلىڭتوڭ جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى
كېيىنكى مەزمۇن: داڭلىق چولپانلار فىرانسىيە پارىژ مودا پائالىيىتىگە قاتناشتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号