ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

ئامىر خان بىلەن ليۇ دېخۇا تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشتى
2018-04-16 12:36:54   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

سىنا تورىنىڭ تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

15-ئاپرېل، «سىرلىق چولپان» ناملىق كىنو شياڭگاڭدا خەير-ساخاۋەت تىپىدىكى يۈز كۆرۈشۈش كېچىلىكىنى ئۆتكۈزگەندە، «ھىندىستاننىڭ ليۇ دېخۇاسى» دېگەن نامى بار ئامىر خان ھەقىقىي ليۇ دېخۇا بىلەن كۆرۈشتى. بۇ ئىككى چولپاننىڭ تۇنجى قېتىم ئوخشاش سەھنىدە نامايەن بولۇشى بولغاچقا، يۈزلىگەن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىككەيلەن خۇددى يېقىن بۇرادەرلەردەك بىر-بىرىنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ، يەنە تېخى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.

«كىچىك جىتا» زەيرا ۋازىم ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك كۆينەكنى كىيىپ، پائالىيەتكە قاتناشقان بولۇپ، سۈرەتكە چۈشۈش داۋامىدا قائىدە-يوسۇنلۇقى بىلەن جەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلدى.

نەق مەيداندا ئامىر خان ئۆزىنى ليۇ دېخۇانىڭ مەستانىسى ئىكەنلىكىنى، شياڭگاڭغا تۇنجى قېتىم كېلىپلا قارشى تەرەپنى كۆرەلىگىنىدىن تولىمۇ خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەزەلدىن «ھىندىستاننىڭ غورۇرى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇنىڭ بىلەن ليۇ دېخۇا ئوخشاشلا خەير-ساخاۋەتكە ئۆزىنى بېغىشلاپ، جەمئىيەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولۇپ، ئۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى جاپادا قالسىمۇ، بىراق يەنىلا قارشى تەرەپنىڭ كۆزىدىن ئۈمىد ۋە مۇھەببەتنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى، بۇمۇ ئۆزىنىڭ ئىزچىل ئاكتىپ ئېنىرگىيەگە تولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. بۇ چاغدا ليۇ دېخۇامۇ ئۇنىڭ قارىشىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىككەيلەن ئىزچىل قارشى تەرەپنىڭ كىنوسىدىن ھوزۇرلىنىدىغانلىقىنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ليۇ دېخۇا يەنە كەلگۈسىدە ئىككەيلەنگە ماس كېلىدىغان سېنارىيەنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇنداق بولغاندا ھەمكارلاشقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تاماشىبنلارغا كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق ئاتا قىلدى.

ليۇ دېخۇا بىلەن ئامىر خان تۇنجى قېتىم بىرلىكتە نامايەن بولدى.

ليۇ دېخۇا بىلەن ئامىر خان قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى 

ليۇ دېخۇا، ئامىر خان كىچىك مەستانىلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشتى.

ليۇ دېخۇا، ئامىر خان، زەيرا ۋاسىم... 

تېخىمۇ كۆپ، سەرخىل مەزمۇنلار نۇر تورى تاماشا سالونىدا...

ئالدىنقى مەزمۇن: بوللىۋودتىكى ئەڭ كېلىشكەن ئون چوڭ ئەر چولپان
كېيىنكى مەزمۇن: نادىر تور كومېدىيەسى: توختىما توختى 2-بۆلۈم 10-قىسىم

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号