ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

بوللىۋودتىكى ئەڭ كېلىشكەن ئون چوڭ ئەر چولپان
2018-04-16 12:36:54   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەمەلىيەتتە، كىشىلەرنىڭ كىنوغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ھەسسلەپ ئېشىشى بىلەن ھىندىستان كىنوچىلىقىمۇ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ھىندىستان كىنولىرىنىڭ پەقەت ھىندىستاندىكى كۈن ئۆتكۈزىدىغانلارلا كۆرۈشكە ماس كېلىدىغان كۈنلەر ئەمدى كەلمەسكە كەتتى شۇنداقلا بوللىۋود ئەر ئارتىسلىرىمۇ دۇنيادىكى ئەڭ سۇمباتلىق ئارتىسلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالىدىغان بولدى. ھازىر ئۇلارنىڭ غەرب ئەللىرىدىمۇ كۈرمىڭ مەستانىلىرى بار. بىر قىسىم بوللىۋود ئارتىسلىرى ھەتتا ھوللىۋود كىنوسىنىڭ بىر قىسمىغىمۇ ئايلاندى، قېنى، كۆپچىلىك بىزمۇ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:

10. ئىمران خان

ئىمران خان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسى، ئۆزىگە خاس مىجەز-خاراكتېرى ۋە رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن داڭق قازانغان. ئۇنىڭ بوللىۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسى ئامىر خان بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار، ئىمران خان «چاشقان بىلەن مۈشۈك» ناملىق كىنوسى بىلەن قىزغىن ئالقىشلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

9. ئادىيتا روي كاپۇر 

ئادىيتا روي كاپۇر تۇنجى كىنوسى «لوندون چۈشى» بىلەن داڭق قازىنىپ، تۇنجى ئەسىرىدىكى ئوبرازى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرغان ھەمدە كۆپلىگەن خانىم-قىزلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ھىندىستان كىنوچىلىقىدىكى جامائەت ئېتىراپ قىلغان ئەڭ سۇمباتلىق ئارتىسقا ئايلىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

8. ئاكشاي كۇمار

ئاكشاي كۇمار بوللىۋود كىنولىرىدىكى بىر قىسىم ئەڭ ياخشى ئالاھىدە رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن داڭق قازانغان. ئەمەلىيەتتە، ئۇ ھىندىستاننىڭ «چېڭلوڭ»سى دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇ ھەر يىلى بىر قانچە ئالاھىدە ئالقىشلىق كىنو ئىشلىيەلەيدىغان ئارتىسنىڭ بىرى، ئۇنىڭ قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى ۋە تاشقى قىياپىتى ھىندىستاندا ناھايىتى ئالقىشلانغان.

7. شاھرۇھ خان

شاھرۇھ خان بوللىۋودتىكى ئەڭ ئالقىشلىق ئون چوڭ ئەر ئارتىسنىڭ بىرى. ئۇ بۇ ساھەدىكى داڭلىق ئارتىس، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە ئېرىشكەن. شاھرۇھ خان ئىنتايىن تالانتلىق، كېلىشكەن شۇنداقلا رول ئېلىش ماھارىتى قالتىس ئەردۇر. شۇڭا، ئۇنىڭ داڭلىقلىق دەرىجىسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى.

6. ئامىر خان 

بۇ ھىندىستانلىق چولپاننى تونۇمايدىغانلار بولمىسا كېرەك، ئامىر خان ئالاھىدە بازارلىق كىنوسى ۋە قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن داڭق قازاندى. ئۇ كىشىنىڭ ئەڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇمۇ ئەڭ سۇمباتلىق بوللىۋود ئارتىسلىرىنىڭ بىرى، كىنوسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىر ئەڭ قىزىق تېما بولالايدۇ.

5. سالمان خان 

سالمان خان دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئون كېلىشكەن ئەرنىڭ بىرى. بوللىۋودىكى ئەڭ غوللۇق ئارتىسنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئالقىشلىق كۈچىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدا كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك چىراي بار، كۆپلىگەن ھىندىستانلىق خانىم-قىزلار ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ.

4. رامبىر كاپۇر 

رامبىر كاپۇر بوللىۋودىكى ئەڭ كېلىشكەن ئارتىسنىڭ بىرى، ئۇ داڭلىق ئارتىس رىشى كاپۇرنىڭ ئوغلى، شۇنداقلا كاپۇر جەمەتىنىڭ بىر ئەزاسى. رامبىر كاپۇر ئىنتايىن مۇنەۋۋەر ئەسەرلەردە رول ئالغان، نۆۋەتتە ئۇمۇ بۇ ساھەدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان ئارتىسنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

3. رانۋېر سىڭ 

ئۇ ھىندىستاندىكى قىزلار ئارىسىدا ئەڭ ئالقشىقا ئېرىشكەن. چۈنكى ئۇنىڭدا مۇنەۋۋەر رول ئېلىش ماھارىتى، ئۆزىنى كۈتۈشى ۋە قامەتلىك بەدەن شەكلى شۇنداقلا مەپتۇن قىلارلىق چىراي بار. رانۋېر سىڭ بىر ئىنتايىن كېلىشكەن ئەر ئارتىس، ئۇ ئىلگىرى بىر قىسىم ئېلانلارنى ئىشلەپ، تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتناشقان.

2. ۋارۇن داۋان 

ۋارۇن داۋان ھىندىستاندىكى ئىنتايىن سۇمباتلىق ئارتىسنىڭ بىرى، ئۇمۇ كىنو ئارتىسى دەيۋىد داۋاننىڭ ئوغلى. ئۇنىڭ «يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» ناملىق تۇنجى ئەسىرى ئىنتايىن ئالقىشلاندى، ھىندىستاندىكى نۇرغۇنلىغان قىز ئوقۇغۇچىلار ئۇنى ياقتۇرىدۇ.

1. رىتىك روشان 

شۇنداق، ھىندىستان كىنولىرىغا قىلچىلىك قىزىقمايدىغانلارغا نىبسەتەن، بۇ «سولتەك» ناتونۇش ئادەم. ئەمەلىيەتتە، ئۇمۇ نۇرغۇن كىنولاردا قالتىس رول ئېلىش ماھارىتىنى نامايەن قىلغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «ئىمپراتور ئەكبەر»، «كىرىش»، «ئالاھىدە خادىم» قاتارلىقلار بار.

ئالدىنقى مەزمۇن: ئەمەلىيەتتە بىرەد پىتنىڭ ئايال پىروفېسسور بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشتى
كېيىنكى مەزمۇن: ئامىر خان بىلەن ليۇ دېخۇا تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号