ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

ئەمەلىيەتتە بىرەد پىتنىڭ ئايال پىروفېسسور بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشتى
2018-04-16 12:36:47   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

سىنا تورىنىڭ تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھوللىۋود چولپىنى بىرەد پىتنىڭ ئەنجىلىنا جۇلى بىلەن نىكاھىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى جاكارىلاپ ئالدىنقى مەزگىللەردە، ئۇنىڭ MHTنىڭ بىناكارلىق فاكۇلتېتىنىڭ ئايال پىروفېسسورى نېرى ئوكمانغا قىزىقىپ، يېقىنقى بىر قانچە ئايدا ناھايىتى يېقىن ئۆتىۋاتقانلىقى، مۇناسىۋىتىنىڭمۇ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەر تارقالغان. بىراق بۇ گەپلەر بولۇپ، ئىككى ھەپتە بولا-بولمايلا ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقانلىقى، يەنە كېلىپ، ئۇلارنىڭ يېرىم بىرگە تۇرۇش ھالىتىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، بىرەد پىت 2017-يىلىدىكى مىننەتدارلىق بايرىمىدىن كېيىن، ئۇزاق ئۆتمەيلا نېرى ئوكماننىڭ تەجرىبىخانىسىغا كېلىپ بەش قىز بىلەن سۈرەتكە چۈشكەن. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇ نېرى بىلەن ئوتتۇرىدا تۇرۇپ ئالتەيلەن ياندىشىپ تۇرغان بولۇپ، بىراق ئۇنىڭ قولى ناھايىتى تەبئىيلا نېرى ئوكماننىڭ بېلىدە تۇرغان. بىر توپ كىشىلەر كامېراغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ، ئىنتايىن خۇشال ھالىتىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن سىرتقى ساھەدىكىلەر بۇ ئىككەيلەننىڭ مەخپىي ئۇچرىشىۋاتقىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقان ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىت بولغان، دەپ پەرەز قىلىشقان.

«US Weekly»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىرەد پىت بىر قانچە قېتىم يېرىم كېچىدە نېرى ئوكماننىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئەتىسى سەھەردە نېرى ئوكمان ئىشقا بارغۇچە ئىككەيلەن بىرلىكتە ئۆيدىن چىقىدىكەن. نېرىنىڭ تاماق ئېتىش ھۈنىرى دېگەندەك ياخشى بولمىغاچقا، ئۇلار دائىم سىرتتىن تاماق بۇيرىدىكەن ياكى بىرەد پىت تاماق ئېتىدىكەن. ئىگىلىنشىىچە، ئىككەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىپ يېرىم بىرگە تۇرۇش ھالىتىگە يەتكەن بولۇپ، نېرى يەنە ئۆزىنىڭ ماسساچۇستېس تەبىئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتىدىكى ياتىقىنىڭ ئاچقۇچىنىمۇ ئۇنىڭغا بەرگەن. ئۇنىڭ يەنە قارشى تەرەپكە ھەمراھ بولۇپ، ئافرىقىغا بېرىپ ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتقانلىقىمۇ ئاشكارىلانغان. بىرەد پىتنىڭ يېقىن دوستىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ ئېچىلىپ-يېيىلىپ يۈرگىنىنى كۆرمىگىنىگە خېلى بىر مەزگىللەر بولغان بولۇپ، ھازىر تېلېفوندىمۇ ئۇنىڭ كۈلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن. ئۇ يەنە بىرەدنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭمۇ نېرىنى ئىنتايىن ياقتۇرىدىغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ ئىككەيلەننىڭ بىرگە ئۆتۈشىنى تولىمۇ خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمەلىيەتتە، نېرى ئوكمان ئەنجىلىنا جۇلىدىن ئازىراقمۇ قېلىشمايدۇ. ئۇ كەسپىي ساھەدىكى داڭلىق ئەرباب، بىر پىروفېسسور بولۇشتىن باشقا، يەنە داڭلىق ئارخېكتور. ئىلگىرى تەكلىپ بىلەن TED نۇتۇق سۆزلىگەن. TED ئورگان تورىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسى مۇنداق: «ئۇنىڭ تەجرىبىسى قوللىنىشچان لايىھە، 3D ئۆلچەملىك بېسىش، ماتېرىيال قۇرۇلۇشى ۋە بىرىكمە بىئولوگىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەدىكى كېسىشكەن تەتقىقاتلارغا كۈچ كۆرسىتىپ، مىكرو بىئولوگىيە ۋە بەدىنىمىز، مەھسۇلاتلار ھەتتا قۇرۇلۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان يېڭى زاماننى يېتەكلەيدۇ». 

ئىگىلىنىشىچە، ئۇ بىرەد پىت بىلەن MITنىڭ قۇرۇلۇش لايىھە پىلانى ئارقىلىق تونۇشقانىكەن.

ئالدىنقى مەزمۇن: دىلرابا ۋە جاۋ لىيىڭنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىدىكى پەرق
كېيىنكى مەزمۇن: بوللىۋودتىكى ئەڭ كېلىشكەن ئون چوڭ ئەر چولپان

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号