ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

ئوخشىمايدىغان يولدىكى ئىۋانكا بىلەن مېگاننىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان كىيىنىش ئۇسلۇبى
2018-04-16 12:36:39   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىۋانكا تىرامپ بىلەن مېگان ماركىل ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ بەس-بەستە تالىشىپ تۇرۇپ، ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىدىغان نىشانىنىڭ بىرى. بىرسى ھەرخىل ئۇسلۇبنى ئۇستىلىق بىلەن كونترول قىلالايدىغان گۈزەل، ئامېرىكىنىڭ قەيسەر «بىرىنچى قىزى» يەنە بىرى پات ئارىدا نىكاھ قەسىرىگە قەدەم قويۇپ، ئەنگلىيە كېنەز خانىمىغا ئايلىنىدىغان ئايال، ئىككەيلەننىڭ كۈندىلىك خىزمىتى، تۇرمۇشى ھەمدە كىىشلىك ھايات ئوربېتاسى ئوخشىمىسىمۇ، بىراق ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىنتىلىش ۋە كىيىنىش ياقتۇرىشىغا ئىگە.

ئىۋانكا 12- ئاپرې ئۇچىسىغا ئالتۇزاررا ماركىسىنىڭ كۆك رەڭلىك گۈللۈك كۆينىكىنى كىيىپ، پېرۇ پايتەختى لىمادا زىيارەتتە بولۇپ، لىما ئاكسىيە بېرژىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى ھەمدە پېرۇ سودا ساھەسىدىكى ئايال كارخانىچىلار بىلەن كۆرۈشتى. سودا ساھەسىدىكى ئايال رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، ئىۋانكا «لاتىن ئامېرىكا قىتئەسى خانىم-قىزلارنىڭ ئىقتىساد تالانتى» تەشەببۇسنامىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى خانىم-قىزلارنىڭ ئىقتىسادىي ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

لاتاپەتلىك، مەردانە كۆرۈنىدىغان كۆك رەڭلىك گۈللۈك كۆينەككە، ئېگىز پاشىنلىق ئاياغنى ماسلاشتۇرۇش يەنە شۇنداقلا ئالتۇن سېرىق رەڭلىك تۈز چېچى مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىۋانكانىڭ ئەڭ گۈزەل جەزبىدارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەنىدى.

ئەنگلىيە شاھزادىسى خاررىنىڭ بولغۇسى ئايالى مېگانمۇ ئالتۇزاررا ماركىسىنىڭ سادىق مەستانىسى، 9-مارت، مېگان مەلۇم پائالىيەتكە قاتناشقاندا شۇ ماركىدىكى قول سومكىسىنى كۆتۈرۋالغان.

مارت ئېيىدا ئىۋانكا ئۇچىسىغا كارولىنا خېررېئرا ماركىسىدىكى ئۇسسۇل مۇراسىم كىيىمىنى كىيىپ، ۋاشىنگتون رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتى. بۇنىڭدىن بۇرۇن، مېگانمۇ ئوخشاش پاسوندىكى مۇراسىم كۆينىكىنى كىيىپ، «نام-مەنپەئەت سورۇنى» ژۇرنىلىنىڭ 2017-يىللىق ئۆكتەبىر ئېيىدىكى مۇقاۋا سۈرەتلىرىگە چۈشكەن. بۇ ساندىكى ژۇرنالدا مېگان سىرتتىكىلەرگە شاھزادە خاررى بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندىكى ھالەتنى كۆرۈنۈشنى ئاشكارىلىغان.

«نام-مەنپەئەت سورۇنى» ناملىق ژۇرنالدا مېگان شاھزادە خاررى بىلەن مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولغاندىكى تۇيغۇنى مۇنداق سۈپەتلىگەن: «بىز مۇھەببەتلەشتۇق، مەن ھامىنى بىر كۈنى، بىزنىڭ كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۆزىمىزنى نامايەن قىلىشقا، ئۆزىمىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەشكە ۋە بۇنىڭ بىزنىڭ زامانىمىز ئىكەنلىكىگە چەكسىز ئىشىنەتتىم. ماڭا نىسبەتەن، مەن يەنىلا بىر بۈيۈك مۇھەببەت ھېكايىسىنى ياخشى كۆرىمەن».

ئالدىنقى مەزمۇن: كاپىتان «جېك»نىڭ قىزى لىيلىي دەپ ئاپتاپتەك ئېچىلىپ كەتتى
كېيىنكى مەزمۇن: دىلرابا ۋە جاۋ لىيىڭنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىدىكى پەرق

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号