ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

سۈن لى ئۆزىنى «سەت قېرى» دېگەنلەرگە مۇنداق دەيدۇ...
2018-03-12 18:19:21   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈن لى «جىن خۇەن ھەققىدە قىسسە» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلەش داۋامىدا، كۆپچىلىكنىڭ ھاقارىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى، تورداشلارنىڭ بەرگەن باھاسىنىڭمۇ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ، باشقىلارنىڭ: «نېمىدىگەن ناچار فىلىم بۇ، كۆرگىلى بولامدۇ، نېمىدېگەن كۆرۈمسىز، شۇنچە قېرىپ تۇرۇپمۇ جېن خۇەننىڭ رولىنى ئالالامدىكەن»، دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ چاغدا ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاچچىقلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسچە: «مەن ئۇنچىۋالا قېرىمۇ ئەمەس، كۆرۈمسىزمۇ ئەمەس، گەرچە چىرايىمغا تايىنىپ ئىشلەيدىغانلاردىن بولمىساممۇ، بىراق ئۇنچىلىك دەرىجىدە ئەمەس، شۇڭا ھېچنېمە بولمايدۇ»، دېگەن.

سۈن لى «جېن خۇەن ھەققىدە قىسسە» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئىشلىگەندىن كېيىن، تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئورنىنى تىكلىگەن بولۇپ، ئوچۇق-يورۇق ئۇ ئەزەلدىن «بىرىنچى» دېگەن نامنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ھەمدە بۇنداق بولسا تېخىمۇ چارچايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن مەڭگۈ بىرىنچى بولسامكەن، دېمەيمەن. ئالدىمدا بىر نىشاننىڭ بولۇشىنى، يەنە شۇنىڭغا قاراپ تىرىشىشنى ياقتۇرىمەن» دېگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، نىشان بولغاندىلا ئاندىن ئىلگىرىلەش بوشلۇقى بولىدىغان بولۇپ، بىرىنچى بولغاندا ئاسانلا تەرەپنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن. سىرتتىكىلەرنىڭ سۈن لى «جېن خۇەن ھەققىدە قىسسە» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن ياراتقان نەتىجىسىدىن بىر ئۆمۈر ھوزرۇلانسا بولىدۇ، دېگەن گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى قويۇلغاندىن كېيىن، بىرەرسىمۇ ماڭا مۇكاپات تارقىتىپ باقمىدى، مەن نېمىگە ئاساسەن ھوزرۇلانغۇدەكمەن، ياخشى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلىمىسەم، مەن نېمە يەيمەن»، دېگەن.

رول ئېلىش ماھارىتى قالتىس بولۇپلا قالماستىن، سۈن لىنىڭ دوستلىرىنىڭ نەزىرىدە ئۇ «جاپاكەش تاڭسىڭ» بولۇپ، تۇرمۇشىغا قاتتىق تەلەپ قويىدىكەن. فىلىم ئىشلەش داۋامىدا، يۈزىگە دانىخورەك چىقىپ قىلىشتىن قورقۇپ ھەتتا ئاچچىق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىنمۇ قورقىدىكەن. ئالدىراش ۋاقىتلاردىمۇ ئامال بار 10:30 دىن بۇرۇن ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەركۈنى ئالتە بىلەن ئورنىدىن تۇرىدىكەن. ئۇخلاشتىن بۇرۇن سېنارىيەنى بىر كۆرۈۋېتىپ، ئىككىنچى كۈندىكى سۈرەتكە ئېلىش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. ئەگەر كۆرۈنۈش ئالمايدىغان ۋاقىتلار بولسا، ھەركۈنى سەھەردە بىر يېرىم سائەت ھەرىكەت قىلىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، سۈن لى كۈتۈنۈشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، يولدىشى دېڭ چاۋنىمۇ ياشارتىۋېتىپلا قالماستىن يەنە تېخى ۋاستىچىسىنىڭ بەش ئايدا 37 كىلوگىرام ئورۇقلاشقا ياردەم قىلغان. ئۇ يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ يېمەكلىككە قاتتىق تەلەپ قويمايدىغانلىقىنى، پەقەت كۆكتات بىلەن گۆشنى پىشۇرۇپلا يەيدىغانلىقىنى، ھەركۈنى مۇشۇ ئۇسۇلنى داۋاملاشتۇرسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

بىراق، بالىلارغا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش مۇھىم بولغاچقا، يولدىشى دېڭ چاۋ تاماقنىڭ ھەرخىل بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھەرقېتىم تاللا بازىرىغا بارغاندا، ھەرخىل ئېسىل يېمەكلىك ۋە خۇرۇچلارنى كۆرگەندە، شۇنچىلىك تاماق قىلغۇسى كېلىدىكەن.

ئالدىنقى مەزمۇن: چېڭلوڭ بولمىغان بولسا نارۇتو، ئەجدىھا مەرۋايىتىمۇ بولمىغان بولاتتى
كېيىنكى مەزمۇن: سۇغۇرتا شىركەتلىرى قارا تىزىملىككە تىقىۋەتكەن شياڭگاڭلىق ئىككى چولپان

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号