ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

«ناخشىچى» پىروگىراممىسى ھۆسن تۈزەش پىروگىراممىسىمۇ ياكى كىيىم كۆرگەزمىسىمۇ؟
2018-03-11 13:13:45   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ناخشىچى» پىروگىراممىسى ناخشا ئېيتىش تۈرىدىكى پىروگىرامما بولۇپلا قالماي، مودا كۆرگەزمىسىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى سەھنىدىكى ناخشىچىلارنىڭ كىيىمى بەك چىرايلىق، بىز ناخشا چولپانلىرىنى تۈجۈپىلەپ ياساندۇرىدىغان قىياپەت گۇرۇپپىسىغا قايىللىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

1. جاڭ شاۋخەن

بۇ ئىككى پەسىللىك پىروگىراممىدا ئۇنىڭ ياسىنىشى بەك جايىغا چۈشتى، ئاۋازىغا ئوخشاشلا ئادەمگە تاتلىق تۇيغۇ بېرىدۇ.

2. لىن يىليەن

لىن يىليەن بىر ئەۋلاد كىشىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ھەمراھ بولغان ناخشىچى، ئۇنىڭ كىلاسسىك ناخشىلىرى بەك كۆپ، شۇنداقلا ئۇنىڭ سەھنىدىكى قىياپىتىمۇ ناھايىتى كىلاسسىك چىققان.

3. جاڭ لياڭيىڭ

ئۇنىڭ كىيىملىرىمۇ بەك چىرايلىق، ھەتتا مودېلىنىڭكىدىنمۇ چىرايلىق چىققان.

4. يۈەن ياۋېي

بۇ پىروگىرامما ئارقىلىقلا ئاندىن بۇنداق بىر ناخشىچىنىڭ بارلىقىنى كۆپ ئادەم بىلدى. ئۇنىڭ ياسىنىشلىرىدىن بىر خىل ئاخسالىق چىقىپ تۇرىدۇ.

5. جاڭ بىچېن

جاڭ بىچېننىڭ كىيىملىرى بولۇپمۇ ئۇزۇن كۆينەكلىرى ئادەمنى جەلىپ قىلىدۇ.

6. دېڭ زىچى

خۇرۇم ئىشتان ھەۋىسى بار ناخشا خانىشى دېڭ زىچىغا ئەمەلىيەتتە كۆينەك بەك يارىشىدىكەن.

7. لى ۋېن

ئاق چۇچىلىق كۆينەك بىلەن لى ۋېن پۈتۈن مەيداننىڭ دىققەت نۇقتىسىدا بولغان، ياندا چېكى بار نىمچىسىمۇ بەك جەلىپكار چىققان.

ئايال ناخشا چولپانلىرىدىن سىرت يەنە ئەر ناخشا چولپانلىرىمۇ بۇ قاتاردىن قالمىغان ئەلۋەتتە.

1.  خان چېيول

پىروگىراممىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئادەتتىكىلا بىر ئادەم ئىكەن، لېكىن پىروگىراممىغا چىققاندىن كېيىن بەك كېلىشكەن بولۇپ كەتكەن.

2.  دىماش

بۇرۇنقى دىماشتا مودىلىقتىن ئەسەرمۇ يوق ئىكەن، لېكىن پىروگىراممىغا چىققاندىن كېيىن ئۇ راستتىنلا «ئىمپورت ئاكا» نامىغا لايىق بولغان. ئەمما ئۇنىڭ ئاۋازىغا قايىللىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇنىڭ بوي-بەستى قاملاشقان بولغاچقا كىيىملىرى چىرايلىق چىققان.

3. لى جيەننىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاش بىر ھوزۇر، ھەر بىر ناخشىسىدا ھېكايە بار، كىينىشى راھەت ھەم كېلىشكەن.

4.  جاڭ جيېنىڭ پىروگىراممىدىكى كىيىنىشلىرىمۇ كېلىشكەن چىققان، كاستيۇمدا كېلىشكەن كۆرۈنسە، پوپايكىدا ئازادە ھەم ئوچۇق-يورۇق كۆرۈنگەن.

5. شىر ئەترىتى بۇ پىروگىرامما ئارقىلىق داڭق چىقاردى دېسەكمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ زور. قىياپەت لايىھەلىگۈچىسىمۇ ئۇلارغا كۆپ ئەجىر قىلغان بولۇپ، مودېللار بىلەن بەس تالاشقۇدەك ھالدا نامايەن بولغان.

ئالدىنقى مەزمۇن: ئوسكار پارىڭى: بۇ يىللىق ئوسكار خانىشى ئوسكارنى نېمىگە تايىنىپ ئالدى؟
كېيىنكى مەزمۇن: 37 ياشلىق ئى دوڭۋۇك بىلەن مۇھەببەتلەشكەن بې سۇجى «ئۈجمە كۆڭۈل» دەپ قارالدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号