ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

تارىختىكى تۇنجى جىنىس ئۆزگەرتكەن كىشى، ئامېرىكا ئوفىستىرى ئايالغا ئايلانغان
2015-08-15 13:26:57   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


باش ماقالە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

1952-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى، نىيويورك كۈندىلىك گېزىتى خەۋەر قىلغان باش خەۋەر بولسا « ئامېرىكىنىڭ سابىق ئوفىستىرى سېرىق چاچلىق گۈزەلگە ئايلاندى». خەۋەر قىلىنغىنى بولسا ئامېرىكىنىڭ سابىق ئوفىستىرى (George Jorgensen) گىئورگى جىنىس ئۆزگەرتىپ ئايالغا ئۆزگەرگەن ھەم ئىسمىنى (Christine Jorgensen) كرىستىنغا ئۆزگەرتكەن. ئۇ دۇنيادىكى تۇنجى ئاشكارا ھالدا ئۆزىنىڭ جىنىس ئۆزگەرتكەن ئادەملىكىنى ئىتراپ قىلغان كىشى، بىر مەزگىل بۇ كرىستىن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، قىسىمغا كىرىم كەچۈرمىشى ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەرەنچە بەدەن ئىچىدىكى ئايال كىشى ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ ئىشەندۈرگەن. ئاشۇ ۋاقىتتا ئاشكارا ھالدا ئۆزىنىڭ جىنىس ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىشقا راستىنلا ناھايىتى چوڭ باتۇرلۇق كېتىدۇ، ھازىرمۇ شۇنداق. 


سول تەرەپتىكىسى جىنىس ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرى گىئورگى، ئوتتۇرىدىكى 1952-يىلى جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپراتسىيەسى قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى كرىستىن، ئوڭ تەرەپتىكى ياشانغان كرىستىن.


1953-يىلى جىنىس ئۆزگەرتكەنلىك سالاھىيىتى ئاشكارلانغاندىن كېيىنكى كرىستىن چولپانغا ئايلانغان، قەيەرگىلا بارسا بىر توپ مۇخبىر ئەگىشىپ يۈرگەن.


جىنىس ئۆزگەرتكەندىن كېيىن كرسىتىن نومۇر ئورۇنلاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كېچىلىك كۇلۇب ناخشىچىسىغا ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئايالنىڭ تۇرمۇشىغا ئېرىشكەن. 


1970-يىلى كرسىتىننىڭ خۇسۇسىي تەرجىمىھال فىلىمى «تۇنجى بولۇپ ئايالغا ئۆزگەرگەن ئەر» قويۇلغان.

ئالدىنقى مەزمۇن: ئەنجىلىنا جۇلى رېژىسورلۇق قىلغان «دېڭىز ساھىلى» نىڭ فىلىم سۈرىتى ئاشكارىلاندى
كېيىنكى مەزمۇن: «راف لارون» بالىلار كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号