ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

«ناخشىچى» پىروگىراممىسدا چاقنىغان يۇلتۇز--دىماش كۇدايبېرگىن
2017-01-22 11:59:21   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

«مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى كۆڭۈل ئېچىش تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمسىى:

دىماش دېگەن كىم؟ 21-يانۋار كەچ خۇنەن تېلېۋىزىيەسى «ناخشىچى» (歌手) پىروگىراممسى قويۇلۇشتىن بۇرۇن، بەلكىم كۆپىنچە تاماشىبنلار ئەزەلدىن بۇ ئىسمنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن. دىماش قازاقىستاندىن كەلگەن تالانتلىق ناخشىچى «ھەسىرەتلەنگۈچىنىڭ ئىلتىجاسى» (一个忧伤者的求救) دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ، لىن يىليەن، تەن جىڭ قاتارلىق ناخشا ساھەسىدىكى كونا سەركەردىلەرنى بېسىپ چۈشۈپ، 500 نەپەر نەق مەيدان تاماشىبنلار تاللاپ چىققان تۇنجى مەيدان چېمپىيونغا ئايلاندى. 

دىماش خەنزۇچە سۆزلەشنى ئۇقمايدۇ، بىراق ئۇ تۈنۈگۈنكى پىروگىراممىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن «مۇزىكىنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق» دېگەن سۆزنى ئىسپاتلاپ بەردى. دۇنيادىكى ئېيتىش ئەڭ قىيىن دەپ تەرىپلەنگەن «ھەسىرەتلەنگۈچىنىڭ ئىلتىجاسى» ناملىق ناخشىنى پۈتۈن يەر شارىدا پەقەت 4 كىشى مۇكەممەل ئېيتىپ چىققان. دىماش ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ھەر خىل ئېيتىش ئۇسۇللىرىنى ئۆزگەرتىپ، نەق مەيداندىكى بارلىق تاماشىبنلارنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن سەركەردىلەرنىڭمۇ قايىللىقنى قوزغىدى.

دىماش كۇدايبېرگىن (Dimash Kudaibergen) ئۇ 1994-يىل 24-ماي قازاقىستاندا تۇغۇلغان، قازاقىستان ئەر ناخشىچىسى. قازاقىستان دۆلەتلىك سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 


2010-يىلى «Звонкие голоса Байконура» خەلقئارالىق سەنئەت بايرىمىدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، رەسىمىي تاماشا چەمبىرىكىگە قەدەم قويغان. 2012-يىلى «Восточный базар» خەلقئارا ناخشا ئېيتىش  مۇسابقىسىگە قاتنىشىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. 2014-يىل «Славян базары» ئاممىباب ناخشا مۇسابىقىسگە قاتنىشىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.

2015-يىلى «ياۋروپا ئاسىيا ناخشىچى مۇسابىقىسدە» 1-چىلىككە ئېرىشكەن. 2016-يىلى ئۆزىنىڭ ناخشا پىلاستىنكىسىنى ئېلان قىلغان. 2017-يىل يانۋاردا تۇنجى قېتىم خۇنەن تېلېۋىزىيەسىنىڭ «ناخشىچى» ناملىق پىروگىراممىسىغا قاتنىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

دىماش بىر كېچىدىنلا پۈتۈن ناخشا مەستانىلەرنىڭ قەلبىنى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، يېڭى بىر چاقنىغان يۇلتۇزغا ئايلاندى.

<iframe frameborder="0" width="640" height="498" src="https://v.qq.com/iframe/player.html?vid=l0022gz8mii&tiny=0&auto=0" allowfullscreen=""></iframe>

يۇقىرىقى ۋىدىيو «ناخشىچى» ناملىق پىروگىراممىدا دىماشنىڭ پۈتۈن تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇرىغان «ھەسىرەتلەنگۈچىنىڭ ئىلتىجاسى» (一个忧伤者的求救) ناملىق فىرانسۇزچە ناخشا.



ئالدىنقى مەزمۇن: قەدىمىي شەھەر كۈلكىسى 2-بۆلۈم 6-قىسىم
كېيىنكى مەزمۇن: ئەپەندىم كۈلكىلىرى 1-بۆلۈم 16-قىسىم

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号