ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

«قەدىمىي شەمشەر ھېكايىسى 2» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى جىددىي سۈرەتكە ئېلىنماقتا
2017-01-03 11:52:15   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بېتا تورىنىڭ 2-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، ۋاڭيۈەن شېڭتاڭنىڭ لىدېرى مېڭ شىيەنمىڭ مىكروبىلوگدا دۆلەت ئىچىدە ياسالغان داڭلىق تورسىز ئويۇن «قەدىمىي شەمشەر ھېكايىسى 2» (古剑奇谭2) دىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ نۆۋەتتە جىددىي سۈرەتكە ئېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. «قەدىمىي شەمشەر ھېكايىسى 2» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە ئېلىش باشلانغان بولۇپ، سۈرەتكە ئېلىش ۋاقتى 8 ئايغا سوزۇلۇشى مۇمكىن، جياڭشى، گەنسۇ، جېجىياڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ. «قەدىمىي شەمشەر ھېكايىسى 2» ئوخشاش ئىسىمدىكى تورسىز ئويۇن «قەدىمىي شەمشەر ھېكايىسى 2»دىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆسمۈر لې ۋۇيىنىڭ قىسمەت سەۋەبلىك ئۆيىدىن ئايرىلىپ تەرىقەت يولىغان مېڭىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان. 

فىلىم گەرچە ئەسلى ئويۇن بىردەك بولغان دۇنيا قارىشىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئوخشمىغان رولچىلار ۋە فىلىم كۆرۈنۈشلىرىگە ئىگە. 

فىلىمدە فۇ شىنبو لې ۋۇيىنىڭ رولىنى، لى جيەن شياۋ يىزېنىڭ رولىنى، يى ئېر ۋېن رېنيۈنىڭ رولىنى، شاۋ بىڭ يەن شېنيېنىڭ رولىنى، جاڭ جياۋ شې يىنىڭ رولىنى، جياڭ ۋېن ئا رۇەننىڭ رولىنى ئالغان. 

بۇرۇن خەۋەر قىلىنغان سۈرەتكە ئېلىشنى باشلاش مۇراسىمىدىكى كۆرۈنۈشلەر.



ئالدىنقى مەزمۇن: ياڭ مى ئۆز تارتىم سۈرىتىنى يوللاپ 2017-يىلغا «كۆڭۈل» ئىزھار قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: «سىرلىق رازۋېدچىك ھولمىس» 4-بۆلۈم 1-قىسمى قويۇلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号