ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

شۇ چى بىلەن فېڭ دېلۈننىڭ تويلۇق سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى
2016-09-04 11:18:05   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

3-سېنتەبىر فېڭ دېلۈن بىلەن شۇ چىنىڭ پراگادا توي قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا شۇ چىنىڭ ياردەمچىسى بۇ خەۋەرنى دەلىللىدى.

 

شۇ چى خۇەنيا شىركىتى ئارقىلىق ئىككىيلەننىڭ تويلۇق سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلاپ، توي قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، لېكىن قاچان توي قىلغانلىقى توغرىسىدا ھېچنېمە دېمىدى. شۇ چى يەنە مۇنداق دېدى:« توي كۆينىكىنى H&M (كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت، گىرىم بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت) ئىككى يىل بۇرۇن ماڭا سوۋغا قىلغان، رومالنى بىر توي كۆينىكى دۇكىنىدىن تاللىدىم، فېڭ دېلۈننىڭ كاستۇم-بۇرۇلكىسى بىلەن مېنىڭ ھالرەڭ كىيمىمنى رەسىمگە چۈشۈشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن سېتىۋالغان. سۈرەتنى لىن بىڭسۈن ئۇستاز بىر ھەپتە بۇرۇن ئىشلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ پراگاغا بېرىپ تارتقان. سۈرەتكە تارتقاندا تەبىئىي شامال بىلەن نۇر قايتۇرۇش تاختىسىدىنلا پايدىلاندى». سۈرەتتە ئىككىيلەن توي قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

 

خۇەنيا ۋاستىچىلىك گۇرۇھىنىڭ باش نازارەتچىسىمۇ ئىككىيلەننىڭ تويلۇق سۈرىتىنى چىقىرىپ مۇنداق دېدى:«فېڭ دېلۈن بىلەن شۇ چىنىڭ توي قىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن! مەڭگۈ خۇشال-خۇرام، بەخىتلىك ئۆتكەيسلەر!».

 

سۇ ماڭ مىكرو بلوگدا تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى:«شۇ چىنىڭ فېڭ دېلۈن بىلەن توي قىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن! مەن بەك خۇشال! بۇ بەخىت بەكلا تۇيۇقسىز كەلدى».

 

ئىككىيلەننىڭ تويلۇق سۈرەتلىرى. 



ئالدىنقى مەزمۇن: بېكھام ئىككىنچى ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى
كېيىنكى مەزمۇن: جۇ شياۋتيەن بىلەن خەن ۋېنۋېن بۈگۈن بالى ئارىلىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号