ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

فوربېس باھالىغان 2016-يىلى دۇنيادىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئەر چولپانلار
2016-08-30 09:39:04   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق پۇل-مۇئامىلە ژۇرنىلى «فوربېس» 2016-يىللىق دۇنيادىكى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى ئەر ئارتىسلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىل 44 ياشقا كىرگەن ھوللىۋود ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى دۋايېن جونسون 64 مىليون 500 مىڭ دوللار بىلەن تىزىملىكتە بىرىنچى بولدى.

بۇ تىزىملىك 2015-يىلى 6-ئايدىن بۇ يىل 6-ئايغىچە بولغان كىرىمنى ئاساس قىلغان، ئاساسلىقى نيىلسىن شىركىتى، بېلەت كىرىمى تور بەتلىرىBox Office Mojo、IMDbنى سانلىق مەلۇمات مەنبەسى قىلغان  ھەمدە ئارتىس، ۋاستىچى ۋە ئادۋوكات، كىنو خانا خوجايىنلىرىنىڭ زىيارەت مەزمۇنىنى ئاساس قىلىپ ھەربىر ئارتىسنىڭ كىنو، تېلېۋىزىيە، سودا ئېلانى قاتارلىق جەھەتلەردىكى باجدىن ئىلگىرىكى كىرىمى ۋە باشقۇرۇش ھەققىنى چىقىرىۋەتكەن كىرىمنى ھېسابلىغان.

دۋايىن جونسوننىڭ كىرمى ئاساسلىقى داڭلىق يۈرۈشلۈك فىلىم «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات» ھەمدە بۇيىل 6-ئايدا قويۇلغان فىلىم «乌龙特工» كەلگەن.

2013-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە كىرىك روبېرت داۋنېي مارۋېلنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان فىلىملىرىگە تايىنىپ ئۇدا بۇ تىزىملىكتە بىرىنچى بولغان، بۇلتۇر ئۇنىڭ كىرىمى 80 مىليون دوللار بولۇپ، بۇ يىل بىراقلا 33 مىليون دوللارغا چۈشۈپ، تىزىملكتە 8-ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

چېڭ لوڭنىڭ رەت تەرتىپى بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش، يەنى ئىككىنچى ئورۇندا، كىرىمى 66 مىليون، بۇلتۇرقى 50 مىليونغا قارىغاندا كۆپ ئىلگىرىلەش بولدى. ئالدىنقى ئون ئىچىدە ئۈچەيلەن ئاسىيالىق، چېڭ لوڭدىن باشقا ھىندىستان كىنو چولپىنى شاھرۇھ خان ۋە ئاكشاي كۇمار ئالدىنقى ئونغا كىردى.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، ئەر-ئايال ئارتىسلارنىڭ تىزىملىكىنى سېلىشتۇرغاندا، ئايال ئارتىسلار تىزىملىدىكى چېمپىيون جىنىفىر لورىنىسنىڭ كىرىمى پەقەت دۋاين جونسوننىڭ كىرىمىنىڭ %71گە تەڭ كېىلدۇ، بۇ نىسبەت ھەتتا ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىك ئاياللار بىلەن ئاق تەنلىك ئەرلەرنىڭ مائاش نىسبىتىدىنمۇ تۆۋەن (ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئاق تەنلىك ئەرلەر 1دوللار تاپقاندا، ئاق تەنلىك ئەرلەر 79 سېنت تاپالايدىكەن، ئاياللارنىڭ مائاشى ئەرلەرنىڭ مائاشىنىڭ %79 توغرا كېلىدىكەن)

بۇنىڭدىن باشقا، كىرىمى 20 مىليوندىن ئاشقان ئارتىسلار ئارىسىدا ئەرلەر 18 نەپەر، ئاياللار پەقەت تۆت نەپەر. بۇ ھوللىۋودتىكى ئەر-ئايال ئارتىسلارنىڭ فىلىم ھەققى جەھەتتىكى غايەت زور پەرقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلتۇر جىنىفىر لورىنس، گۋېنس پالتروۋ قاتارلىق ئايال ئارتىسلارنىڭ ئەر-ئاياللارنىڭ فىلىم ھەققى جەھەتتىكى تەڭسىزلىك ھەققىدە سۆز قىلغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. 

1. دۋاين جونسون      64 مىليون 500 مىڭ دوللار

2. چېڭ لوڭ           61 مىليون دوللار

3. مات دامون        55 مىليون دوللار

4. تام كرۇس        53 مىليون دوللار

5. جونى دېپ        48 مىليون دوللار

6.بېن ئافلېك          43 مىليون دوللار 

7. ۋىن دېسل        35 مىليون دوللار

8. روبېرت داۋنېي     33 مىليون دوللار

8. شاھرۇھ خان        33 مىليون دوللار

10. ئاكشاي كۇمار      31 مىليون 500 مىڭ دوللار

10. برەد پىت           31 مىليون 500 مىڭ دوللار

12. ئادام ساندلېر            30 مىليون دوللار

12. مارك ۋاخلبرگ          30 مىليون دوللار

14. سالمان خان          28 مىليون 500 مىڭ دوللار

15. لېئوناردو دىكاپىرو            27 مىليون دوللار

16. كرىس پرەت            26 مىليون دوللار

17. ۋىل سىمىس         20 مىليون 500 مىڭ دوللار

18. ئامىتاب باچچان        20 مىليون دوللار

19. ماسيۇ مىككانىخېي           18 مىليون دوللار

20. خارىسون فورد               15 مىليون دوللار 




ئالدىنقى مەزمۇن: توي قىلغاندىن كېيىن ئارتىسلىقتىن ۋاز كەچكەن بوللىۋود ئايال چولپانلىرى
كېيىنكى مەزمۇن: شۈ زىچى يولدىشى لى جياچېڭ بىلەن ئولىمپىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号