ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى
2016-08-30 09:38:32   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

  «بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

  «مۇھەببەت داچىسى» (爱情公寓)

 ئەگەر سىز تورغا چىقىپ تورداشلارنىڭ «مۇھەببەت داچىسى5» كە قارىتا قىزىقىشىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقسىڭىزلا «مۇھەببەت داچىسى» يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ قانچىلىك ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. «مۇھەببەت داچىسى1» دىن «مۇھەببەت داچىسى4» غىچە يەنە قانچىلىغان كىشىلەر باشتىن –ئاخىرى قايتىدىن كۆرۈپ چىققاندۇ؟ ئېسىمدە قىلىشچە، ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا، دەرس ۋاقتىدا «مۇھەببەت داچىسى» نى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلىغانىدىم. ئاشۇ چاغدىكى ئوڭايسىزلانغان ھالىتىم ھازىرغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ.

 «جېن خۇەن ھەققىدە قىسسە» (甄嬛传)

«جېن خۇەن ھەققىدە قىسسە» يېقىنقى ئىككى يىلدا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى دېسەك ئاشۇرۋەتكەنلىك بولمايدۇ. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئارتىسلارنى قوللاش نىسىبىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. ھەتتا چەتئەلللەردىمۇ ئالقىشقا ئېرىشكەن. بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مەلىكە خۇەنجۇ» دىن كېيىنكى چىڭ سۇلاسى ئوردىسى تەسىۋىرلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھېسابلىنىدۇ.

  «شەمشەر» (亮剑)

  «شەمشەر» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەنلا كىشى بولسا، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدۇ. «شەمشەر» دىكى ۋەقەلىكنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ناھايىتى جايىغا چۈشكەن. تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى «ياپون ئالۋاستىلىرى» ئۇنچىلىك ئەخمەق ئەمەس، 8-ئارمىيە جەڭچىلىرىدىمۇ ئۇ تاغدىن بۇ تاغقا ئۇچۇپ ئۆتەلەيدىغان «ئالاھىدە قابىلىيەت» مۇ يوق.


  «ئۆسمۈر باۋ چىڭتيەن» (少年包青天)

  بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى جۇڭگو نۇسخسىدىكى«داڭلىق رازۋېدچىك كېنەن» (名侦探柯南)  دېىيشكە بولىدۇ. بۇنىڭدىكى ۋەقەلىك شۇنچىلىك يۇقىرى سەۋىيەدە ئورۇنلاشتۇرغان. لوگىكىسىمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن. ئەينى ۋاقىتلاردا تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەندە قورقۇپ كەتكىنىمدىن ئۇخلىيالمىغانىدىم. ھازىر ئويلاپ باقسام، مۇشۇ خىلدىكى قەدىمكى ئەقلىي تېلېۋىزىيە -تىياتىرى بۈگۈنكى كۈدە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.

  «سىم-سىم يامغۇردىكى چوڭقۇر مۇھەببەت» (情深深雨蒙蒙)

 «مەلىكە خۇەنجۇ» دىكى ئۈچ ئارتىس رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئەينى ۋاقتىتا پۈتۈن جۇڭگودا ئالقىشقا ئېرىشكەن. تېلېۋىزوردا كۆرۈش يەتمىگەندەك، مەخسۇس پىلاستىنكا ئىجارىگە ئېلىپ كېچىلەپ كۆرگەن ۋاقىتلارمۇ بولغان. ھازىرمۇ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى توردىن ئىزدەپ كۆردىغانلار بار.

 «مەلىكە خۇەنجۇ» (还珠格格)

 يازلىق تەتىل ۋاقتىدا «مەلىكە خۇەنجۇ» نىڭ ئۈچ بۈلۈمى ھەتتا «يېڭى مەلىكە خۇەنجۇ» نى خۇنەن تېلېۋىزىيەسى «كۆتۈرە» گە ئېلىۋالغان. دېمىسىمۇ «مەلىكە خۇەنجۇ» نىڭ ئەينى ۋاقىتتا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى دېيىشكە بولىدۇ. 80-يىلى ۋە 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ قايسى بىرى بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈپ باقمىغان دەيسىز؟   


  86-يىلى نۇسخىسىدىكى «غەربكە ساياھەت». (西游记)

  كۆپىنچىلىرىمىزنىڭ بالىلىق دۇنياسىغا ھەمراھ بولغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى. گەرچە 30 يىلدىن ئاشسىمۇ يەنىلا داۋاملىق تېلېۋىزىيە ئىكرانلىرىدا قويۇلماقتا. «غەربكە ساياھەت» نى ئۆلمەس ئەسەرلەرنىڭ بىرى دېيشىكە بولىدۇ. ئىلگىرى بىرەيلەن ئىستاتىستىكا قىلغان بولۇپ، «غەربكە ساياھەت» جۇڭگولۇقلار ئەڭ كۆپ كۆرىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىگە ئايلانغان. 




ئالدىنقى مەزمۇن: كەررىې بىكمور بىر ئائىلە كىشىلىرى ساياھەتكە چىقتى
كېيىنكى مەزمۇن: دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل كارلىنا كائۇنېنىڭ مودا سۈرەتلىرى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号