ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

لاتىن ناخشا خانىشى جەننىفور يېڭى فىلىمدە رول ئالماقچى
2016-08-16 12:13:42   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

نۇر تورى تەرجىمىسى: 

لاتىن ناخشا خانىشى جەننىفور لوپىز «گۇگۇمدىكى كۆك رەڭ دېڭىز»دە جەلپكار ئايال ساقچىنىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، ئەمدى بۇ قېتىم ئۇ بۇنىڭغا قارشى خاراكتېرنى ياراتماقچى. HBO تېخى نامىنى بىكىتمىگەن يېڭى فىلىمدە جەننىفور سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئايال ئەتكەسچى گىرىسايدا بىلانكونىڭ رولىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ باش كۆتۈرگەندىن تارتىپ ۋەيران بولغىچە بولغان جىنايەت بىلەن توشۇپ كەتكەن ھاياتىنى بايان قىلماقچى. 10-ئاۋغۇست كۈنى جەننىفور بايانات ئېلان قىلىپ: «ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەن بۇ ھاياتى مۇرەككەپ ۋە چۈشكۈنلەشكەن ئايالغا قىزىقىپ كەلگەنىدىم، HBO بىلەن ھەمكارلىشىش ئۇنىڭ ھېكايىسىنى كىشىلەرگە ئۇقتۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەت.»

«كوكائىن ئانىسى» ۋە «قارا تۇل خوتۇن» دەپ نامى بولغان گىرىسايدا بىلانكو ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-، 80-يىللىرى ئامېرىكىنىڭ زەھەر سودىسىنى ئۆزگەرتتى. ئېيتىلىشلارچە، زەھەر ئەتكەسچىلىك سودىسى تازا روناق تاپقان مەزگىلدە ئۇ ھەر ئايدا مىئامىغا 300 كىلوگرام كوكائىن يۆتكەپ كىرگەن؛ ھالبۇكى مېدېللىن زەھەر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قولىدا 200دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. 1985-يىلى گىرىسايدا تۈرمىگە سولىنىپ، 20 يىلغا يېقىن تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن كولۇمبىيەگە قايتۇرۋېتىلگەن. 2012-يىلى 9-ئايدا ئۇنىڭغا ئوق تېگىپ ئۆلگەن بولۇپ، قاتىل دەل ئۇنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى ئىدى. 

ئۇ بۇ فىلىمدە باش رول ئالغاندىن باشقا يەنە بېننىي مېدىنا، ئېلاينې گولدىسمىت، توماس، جۇلى ۋە رىك يورىنلار بىلەن بىرلىكتە ئىجرائىيە فىلىم ئىشلىگۈچى بولىدۇ. ئەر چولپان ئالېكىس پېتتىيفېرمۇ ئىجرائىيە فىلىم نازارەتچىلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ فىلىمدە رول ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. 



ئالدىنقى مەزمۇن: ئاجراشقاندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرگەن ئارتىسلار
كېيىنكى مەزمۇن: تۈركىيە «قارا سەۋدا» ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىدىكى كەمال كىم؟

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号