ss ss ss ss
باش بەت > خەۋەرلەر > تاماششا > مەزمۇن كۆرۈش

فەن بىڭبىڭ ھۆسن تۈزەش دوختۇرخانىسىنى ئەرز قىلىپ 300 مىڭ يۈەن تۆلەمگە ئېرىشتى
2016-05-25 13:45:24   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

داڭلىق چولپان فەن بىڭبىڭ ئادۋوكاتىغا تەيۋەندىكى بىر دوختۇرخانىنى ئەرز قىلىشنى ھاۋالە قىلغان، ھەمدە دوختۇرخانىنىڭ 340 مىڭ يۈەن تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەسلىدە دوختۇرخانا فەن بىڭبىڭنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىپ، ئېڭەك تۈزىتىش ئوپېراتسىيە قىلدۇرماقچى بولغانلارغا تەشۋىق قىلغان. شۇڭا فەن بىڭبىڭ سۈرەت ھوقۇقۇمغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ دوختۇرخانا ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. تەيبېي شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى ئەرزنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دوختۇرخاننىڭ فەن بىڭبىڭنىڭ سۈرەت ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، دوختۇرخانىنى 300 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇغان. دوختۇرخانىنىڭ ۋاكالەتچىسى مۇنداق دېگەن: <دوختۇرخانىمىزدىكى خىزمەتچىلەر فەن بىڭبىڭنىڭ سۈرىتى ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا، ئېڭىكى چىرايلىق بولغانلىقتىن، ھۆسن تۈزەتكۈچىلەرگە تەشۋىق قىلغان. ئۇنىڭ بىزدىن ئالغان تۆلەم پۇلى كۆپ بولۇپ كەتتى>.




ئالدىنقى مەزمۇن: كۆرۈشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان ئون ئېسىل بوللىۋود فىلىمى
كېيىنكى مەزمۇن: «سۇن ۋۇكۇڭ» نېپال زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号