ss ss ss ss

ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ بوۋاقنى كۆز-كۆز قىلىشى ئېرسىي «كېسەللىك»
2015-06-13 02:53:08   مەنبە:   كۆرۈلىشى:



ۋىلىيام شاھزادە ۋە كېنەز كەيىت جورجى شاھزادە ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى شارلوت مەلىكىتىنىڭ سۈرىتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن دۇنيا ھەۋەس قىلىش نەزىرى بىلەن قارىدى. كۆپچىلىك شۇنداق ئوماق بوۋاقتىن خۇرسىندى، خان جەمەتىدىكى ئاتا-ئانىسىغا ئۆچمەنلىك قىلدى. 

بۇ تۆت پارچە سۈرەت بولسا ئايرىم-ئايرىم جورجى شاھزادە ئوماق سىڭلىسىنى قۇچاقلىۋالغان سۈرەت، سۈرەتتىكى ئىككىسى ئاق رەڭلىك كىيىم كىيگەن بولۇپ قۇياش نۇرىدا ناھايىتى ئوماق كۆرۈنگەن. 

ئەنگىلىيە خان جەمەتىدە ئادەتتە ئاتا-ئانىسى ياكى بوۋا-مومىسى بوۋاقنى قۇچاقلىغان سۈرەت بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇسۇلنى ئۆزگەرتكەن، توردىكى باھالاشمۇ ئەنگىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئويلىغىنىدىن ئېشىپ كەتتى. 



ئەمىلىيەتتە بوۋاقنى كۆز-كۆز قىلىدىغان خان جەمەتىنىڭ بۇنداق قىلىشى تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس، بوۋاقنى كۆز-كۆز قىلىش ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ ئەنئەنىسى. تۆۋەندە مۇشۇ يىللاردا خان جەمەتى كۆز-كۆز قىلغان بوۋاقلارغا قاراپ باقايلى. 



ئېلىزابىت 1926-يىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان، شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بۇكىنھام سارىيىدىكى خۇسۇسىي كىچىك چېركاۋدا يۇيۇنۇش مۇراسىمى قوبۇل قىلغان. ئايال پادىشاھنىڭ ئانىسىمۇ ئېلىزابىت (ئالدىنقى رەت ئوتتۇرىدىكى) ۋە ئاتىسى بېرتى (ئارقا رەت ئوڭدىن ئىككىنچىسى) ئەينى ۋاقىتتا يورك كېنەزى ئىدى. يورك كېنەزى ئاكىسى ئىدۋارد ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، 1936-يىلى پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان، يەنى جورجى پادىشاھى. 



چارلىز شاھزادە 1948-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى بۇكىنھام سارىيىدا يۇيۇنۇش مۇراسىمى قوبۇل قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئانىسى يەنىلا ئېلىزابىت مەلىكە ئىدى، 1952-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە پادىشاھلىق ئورنىغا چىققان. 



تۆت ئەۋلاد خان جەمەتى ئەزالىرى چارلىز شاھزادىنىڭ يۇيۇنۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان: چارلىز شاھزادە ئۆزى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئېلىزابىت ۋە فىلىپ، بوۋا-مومىسى ئايال پادىشاھ ئېلىزابىت ۋە پادىشاھ جورجى، يەنە چوڭ مومىسى ئايال پادىشاھ مارى. 


مەلىكە ئاننى بولسا ئېلىزابىتنىڭ ئىككىنچى بالىسى، 1950-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان، 10-ئاينىڭ 21-كۈنى بۇكىنھام سارىيىدا يۇيۇنۇش مۇراسىمى قوبۇل قىلغان. ئوخشاشلا، بىرقانچە ئەۋلاد خان جەمەتى ئەزالىرى بۇ ئالاھىدە سورۇنغا يىغىلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئىككى ياشلىق چارلىز شاھزادە ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىرىپ مومىسى ئايال پادىشاھ ئېلىزابىتتىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئويناشنى ئۆتۈنگەن. 




ئايال پادىشاھ ئېلىزابىتنىڭ تۇنجى نەۋرىسى، ئاننى مەلىكىنىڭ ئوغلى پېتىر فىلىپىس 1977-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان، شوتلاندىيەدىكى خان جەمەتى قورۇقى بالمورال قەلئەسىدە يۇيۇنۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. پېتىر 1977-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان، گەرچە خان جەمەتى ئەزاسى بولسىمۇ ئەمما شاھزادە دەپ ئاتالمايدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى ئاننى پېتىر ۋە ئاچىسى زارا ئۈچۈن خان جەمەتى ئۇنۋانىدىن ۋەز كەچكەن. 



خانىش دىئاننا ۋە شاھزادە چارلىز 1982-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ئوغلى شاھزادە ۋىلىيام ئۈچۈن (1982-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇغۇلغان) بۇكىنھام سارىيىنىڭ مۇزىكا زالىدا يۇيۇنۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. كىچىك ۋىلىيام ئەينى ۋاقىتتا سۈرەتكە تارتقاندا تىنىچلانمىغان بولۇپ، خانىش دىئاننا كىچىك قولىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغاندا ئاندىن تىنىچلانغان. 



1984-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى، خاررى شاھزادە تۇغۇلغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى، كىچىك خاررى ۋىندىسور قەلئەسىدە يۇيۇنۇش مۇراسىمى قوبۇل قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىمۇ نۇرغۇنلىغان خان جەمەتى ئەزالىرى كەلگەن، چارلىز شاھزادىنىڭ مومىسى يەنى ئايال پادىشاھنىڭ ئانىسى ئېلزابىت (سولدىن ئىككىنچىسى) ۋە دىئاننانىڭ مومىسى (سولدىن بىرىنچىسى) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىئاننانىڭ ئاتا-ئانىسى ئاجراشقان، ئۇنىڭ ئاتىسى جوننى سىپىنسېر (ئوڭدىن ئۈچىنچىسى) ۋە ئانىسى (ئوڭدىن بىرىنچىسى) مۇراسىمغا قاتناشقان. ۋىلىيام شاھزادە ئەڭ ئالدىدا تۇرغان. 



1988-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، يورك كىنەزى ئاندرېۋ شاھزادە ۋە كېنەز خانىم سارا فۇرگوسېن قىزى مەلىكە بىترىس ئۈچۈن يۇيۇنۇش مۇراسىمى (1988-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان) ئۆتكۈزگەن. مۇراسىمدىن كېيىن ئاتا-ئانىسى ئىككىسى لوندوندىكى سانىت جەيمېس سارىيىنىڭ ئىشىكى ئېغىزىدا يورك ئېپىسكوپى بىلەن پاراڭلاشقان، ھاشزادە چارلىز ئۈچ ئادەمنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان. 



يورك كېنەز خانىم سارا قىزى ئىۋگىنى مەلىكە ئۈچۈن 1990-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېنگىلاندنىڭ شەرقىدىكى ئايال پادىشاھنىڭ ساندرىڭھام قورۇقىدا يۇيۇنۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. سۈرەتتە خانىش دىئاننا ئەڭ ئارقىدىكى رەتتە تۇرغان، ۋىلىيام شاھزادە ۋە خاررى شاھزادە ئايال پادىشاھنىڭ ئالدىدا تۇرغان. 




2013-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى شاھزادە ۋىلىيام ۋە كېنەز كەيىت جورجى شاھزادىنى قۇچاقلاپ سانىت جەيمېس سارىيىدا يۇيۇنۇش مۇراسىپىنى تاماملىدى، سۈرەتتە ئەر-ئايال شاھزادە جورجىنى قۇچاقلاپ ئايال پادىشاھ ئېلزابىتقا سالام قىلغان. 

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، بوۋاقنى كۆز-كۆز قىلىش ۋىلىيام شاھزادە ۋە كېنەز كەيىتنىڭ مۇشۇ دەۋردىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ئەمەس، شۇنچە كۆپ يىللاردىن بېرى بۇ جەمەت بوۋاقنى كۆز كۆز قىلغان، شاھزادە جورجى چوڭ بولغاندا يەنىلا بوۋىقىنى كۆز كۆز قىلىدۇ، شارلوت مەلىكىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، شۇڭا بۇ جەمەت ئەنئەنىسى، داۋالاپ ساقايىتقىلى بولمايدىغان «كېسەل».


ئالدىنقى مەزمۇن: بان كىمون قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ بوۋاقنى كۆز-كۆز قىلىشى ئېرسىي «كېسەللىك»

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号