ss ss ss ss

ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سايلام رىقابىتىدە كىچىك بالىدىن تاياق يېدى
2015-12-18 15:30:38   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سايلام رىقابىتىدە كىچىك بالىدىن تاياق يېدى


   ئىسپانىيە باش ۋەزىرى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ___ خەلق پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى ۋە سايلام نامزاتى راجوي 16-دېكابىر چۈشتىن كېيىن يۇرتى گالىتسىيە ئاپتونوم رايونىدا سايلام رىقابىتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، 17 ياشلىق بىر ئوغۇل بالىدىن مۇشت يېگەن. ئارقىدىنلا ساقچىلار بالىنى تۇتۇپ كەتكەن.

   ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ چاغدا راجوي بىلەن سايلام رىقابىتى ئۆمىكى پونتېۋېدرا شەھەر مەركىزى ئەتراپىدىكى بىر كونا چېركاۋنىڭ ئالدىدا ماڭغاچ، كىشىلەردىن ھال سورىغان. ھېلىقى ياش راجوي بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش نىيىتىدە يېقىن كەلمەكچى بولغان، ئەمما ئۇ تۇيۇقسىزلا سول قولى بىلەن باش ۋەزىرنىڭ يۈزىگە قاتتىق بىر مۇشت سالغان، باش ۋەزىرنىڭ كۆزەينىكىمۇ چېقىلىپ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن. ئۇ ياشنى قوغدىغۇچىلار بويسۇندۇرغان، ئارقىدىنلا ساقچىلار تۇتۇپ كەتكەن. 

ئالدىنقى مەزمۇن: پۇتىن:« مەن ئەزەلدىن قىزلىرىم بىلەن ئائىلە مەسىلىسى توغرۇلۇق پاراڭلاشمايمەن »
كېيىنكى مەزمۇن: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2015-يىللىق مۇخبىرلار يىغىنى ئاچتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号