ss ss ss ss

ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى بەشىنچى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئۈنۈم سۈرىتىنى كۆرسەتتى
2015-12-02 12:34:38   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

   

   يېقىندا، ھىندىستان سېتىۋالغان روسىيەنىڭ «T-50» تىپلىق بەشىنچى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانى توغرىسىدا ئىزچىل مۇھىم خەۋەرلەر تارقالدى، بەشىنچى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ كېلىشىم مەزمۇنى 154 كۈرەشچى ئايروپىلاننى سېتىۋېلىشتىكى مۇقىم تالون، تۈر ھەمكارلىقى ئىش تەقسىماتى ۋە بىر كىشىلىك ھەم ئىككى كىشىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان سانىغا بولغان ۋەدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يېقىندا ھىندىستان تورلىرىدا «T-50» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىدە «ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان» سۈرەتلىرى ئېلان قىلىنغان.

  روسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورى خەۋىرىگە قارىغاندا، «بەشىنچى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلاننى بىرلىشىپ ئېچىش كېلىشىمى»گە ئاساسەن، ھىندىستان-روسىيە رەھبەرلىرى يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھىندىستان-روسىيە ئىككى دۆلەت ئۇچرىشىشىدا روسىيەنىڭ ھىندىستانغا سۇكخوي «T-50» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى تاپشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى پىلانلىغان.

   بەشىنچى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلان تۈرى روسىيەنىڭ سۇكخوي «T-50» (پاكفا) كۈرەشچى ئايروپىلانى ئاساسىدا ئورنىتىلغان بولۇپ، روسىيە سۇكخوي لايىھەلەش ئىدارىسى ۋە ھىندىستان ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بۇ تۈرگە قاتناشقان.

   روسىيەنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد سۇكخوي «T-50» تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى ھىندىستاندا FGFA كۈرەشچى ئايروپىلانى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئىلغار مۇداپىئە سىستېمىسى سەپلەنگەن، دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارىغا تاقابىل تۇرالايدىكەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈنلەي يېڭى ئاۋىياتسىيە ئېلېكتىرون ئۈسكۈنىسى ۋە فازىلىق كونتىرول قىلىنىدىغان رادار ئورنىتىلغان بولۇپ، ھاۋادا ئېلىشىش ۋە يەرگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان.


ئالدىنقى مەزمۇن: گېرمانىيە ئىچكى كابىنېت ھەربىي قىسىمنىڭ «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشىنى تەستىقلىدى
كېيىنكى مەزمۇن: گىۋاتېمالادىكى بىر تۈرمىدە مەزھەپ توقۇنۇشى يۈز بېرىپ، 17 ئادەم قازا قىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号