ss ss ss ss

ۋېيتناملىق ئەرنىڭ بەدىنىدىكى 45 كىلوگراملىق ئۆسمىنىڭ 23 كىلوگرامى ئېلىۋېتىلدى
2018-05-05 19:42:44   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 5-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋېيتنام پايتەختى خانويدىكى دوختۇرلار ئېغىرلىقى 83 كىلوگرام كېلىدىغان 34 ياشلىق ئەرنىڭ بەدىنىدىن 45 كىلوگراملىق ئۆسمىنىڭ تەخمىنەن 23 كىلوگرامىنى ئېلىۋەتكەن.

«ۋېيتنام ئاخبارات گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئەر نىگېئان ئۆلكىسىدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۆسمە دۈمبە، ساغرا ۋە سول پۇتىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاپ كەتكەن، ئاستى بەدىنىنىڭ شەكلى ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتكەن.

بۇ ئەر ئۆسمە سەۋەبىدىن ئۆمىلەپ ياكى چاقلىق ئورۇندۇقتا مېڭىشقا مەجبۇر بولغانىدى. ئۇنىڭ تۇغقانلىرى ئۆسمىنىڭ يىلدىن-يىلغا چوڭىيىۋاتقانلىقىنى، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى داۋالاتقۇدەك پۇلى بولمىغانلىقتىن ھازىرغىچە سۆرىلىپ مۇشۇنداق ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىشتىن ئىلگىرى ئۆسمە پات-پات يېرىلىپ قانىغان، ھەتتا ئۇنى ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن.

بىر دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن پىروفېسسورى ئەرنى ياتاققا ئالغاندا ئۇزۇن مۇددەت قانسىراش سەۋەبلىك تېنى ئاجىزلاپ، سول يوتا سۆڭەك بوينىنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئاخىرىدا، ئۇنىڭغا كۆپ ئورۇندا پەيدا بولىدىغان نېرۋا تالا ئۆسمىسى دەپ دىياگنوز قويۇلدى. 

ئۆسمىنى ئېلىۋېتىشكە قاتناشقان دوختۇر ئۆسمىنى بىر نەچچە قېتىمغا بۆلۈپ ئېلىش كېرەكلىكىنى، تۇنجى قېتىمدا ئۇنىڭ دۈمبە ۋە ساغرىسىدىكى ئۆسمە ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلانغاندا يەنە ئوپېراتسىيە قىلىنىدۇ.

ئالدىنقى مەزمۇن: ياپونىيەدىكى بالىلارنىڭ سانى 70 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشتى
كېيىنكى مەزمۇن: ھىندىستاندا كۆزەينەكلىك يىلان باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىقچە كىرىۋېلىپ تۇخۇملاپ قويدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号