ss ss ss ss

قۇرۇق قول مۇزنى پارچىلىماقچى بولغان تايلاند گۇمپا ماھىرى قولىنى سۇندۇرۋالدى
2018-05-05 19:42:33   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

<iframe frameborder="0" width="640" height="498" src="https://v.qq.com/iframe/player.html?vid=d0644dscty7&tiny=0&auto=0" allowfullscreen=""></iframe>

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كۆپىنچىمىز ھىندىستانلىقلارنى «گۈل ئېچىلدۇردىغانلار» دېيىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن. بىراق ئەمەلىيەتتە «گۈل ئېچىلدۇرۇش» مەسىلىسگە كەلسەك، تايلاندلىقلارمۇ قىلچىلىك قېلىشمايدۇ. 

مەسىلەن، ئالدىنقى كۈنى تايلاندتىكى بىر گۇمپا ماھىرى كوچىدا قۇرۇق قول يوغان مۇز پارچىسىنى پارچىلاش ماھارىتىنى كۆرسەتمەكچى بولدى. (بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى چۆچىتىدۇ ئەلۋەتتە)

ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا خەۋەر يوللىغان تورداشلارنىڭ دېيىشىچە، نەق مەيداندا كۆپلىگەن تاماشىبنلار بولۇپ، يەنە تېخى ئوپېراتورلارمۇ تەق تۇرغان.

بۇ ئەزىمەتمۇ ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك كىيىمنى كىيىپ، ئالاھىدە «ئاخسالىق»نى نامايەن قىلغان.

كۆرۈنۈشتن بىر غايەت زور چوڭلۇقتىكى ئىككى پارچە مۇزنىڭ ئۈستەلگە تىرەلگەنلىكىنى، قاراشتىنلا ناھايىتى چىڭدەك ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ، ئەلۋەتتە، ماھىرنىڭ ئىشەنچىسىمۇ ئاجايىپ كۈچلۈك ئىدى.

ئۇ بىر بىلىكى بىلەن مۇز پارچىسىنى باسقاندىن كېيىن، ئاندىن كۈچەپ تۇرۇپ بىرنى ئۇردى. لېكىن بۇ چاغدا مۇز پارچىسى قىلچىلىك «مىت»مۇ قىلماستىن، ماھىر ئارقىسىغا سەنتۈرۈلۈپ يىقىلىپ كەتكىلى قىل قالدى. 

ئەمدى، كېرەك يوق، تۇنجى قېتىملىقى ئەمەسمۇ، قايتىدىن كەلسەك بولىدۇ. 

بۇ چاغدا، ماھىر قايتىدىن بېلىنى رۇسلاپ، ئىككىنچى قېتىم تەلىيىنى سىنىماقچى بولدى. بىراق بۇ قېتىم ۋاقىت سەل ئۇزۇندەك قىلاتتى...

ئاخىرى، ماھىر ئۇچقاندەك كېلىپ، يەنە بىر قېتىم بىر بېلىكى بىلەن «پىيا» قىلىپ مۇزنىڭ ئۈستىگە ئۇردى. 

ھۆرمەتلىك نۇرداشلار، قېنى بىز مۆجىزە يۈز بېرىدىغان پەيتنى كۆرەيلى: 

ئۈزۈلدى! ئۈزۈلدى! 

ئەمما مۇز پارچىسى ئەمەس، ماھىرنىڭ قولى ئۈزۈلگەندەك قىلىدۇ.

تۆۋەندە، تارىخىي پەيتنى ئاستا ھەرىكەت كۆرۈنۈشىدە كۆرۈپ چىقايلى:

ئاھ... تاماشىبنلار پىسخىكا جەھەتتىن تولۇق تەييارلىق قىلىپ بولالمىغان تۇرسا... نېمىشقا بۇنداق كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ سالغاندۇ...

بۇنىڭغا ئوخشاش كومېدىيە تۈسىنى ئالغان كۆرۈنۈشنى كۆرگەن تورداشلارمۇ «قايناپ» كەتتى. 

بىرەيلەن ماھىر ئۈچۈن سۆز قىلىپ: «¥@%#…… بۇ كىمنىڭ ئالغان مۇز پارچىسى، ئۆلتۈرۋېتىمەن»، دېدى.

يەنە بىرەيلەن ئۇنى ماختاپ: «قولى ئۈزۈلگەن چوڭ ئاغا»، دېدى. 

يەنە بىر تورداش خۇددى ئېچىشقان يېرىگە تۇز سەپكەندەك: «تەييار مۇز پارچىسى باركەن، ئانچە ئاغرىپ كەتمەيدۇ ھەقاچان»، دېدى. 

باشقا تورداشلارمۇ «مىدىرلىماڭ، ئۈزۈلدى»، دېگەن سۈرەتنى چاپلاپ قويدى. 

بۇنىڭدا ئەڭ كۆپ ماختاشقا ئېرىشكەن ئىنكاس بولسا: «ئەسلىدە بىلەك ئۈزۈش ماھارىتىنى كۆرسىتىدىكەندە، مەن تېخى مۇزنى پارچىلايدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن...»، بولدى.

باشقىلار ئازاپلانسا، كۈلسەك پەقەتلا قاملاشمايتتى. لېكىنغۇ ئەمدى ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىنى چاغلاش ئىنتايىن ئاقىلانلىك بولاتتى-چۇ ! 

ئالدىنقى مەزمۇن: يېڭى زېللاندىيەدە قارا يامغۇردىن كېيىن 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئازگال پەيدا بولدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ بىلەن خانىش لەتىزىيا بىرلىكتە مۇراسىمغا قاتناشتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号