ss ss ss ss

ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ توي مۇراسىمىدا مېگاننىڭ دادىسى قىزىنى يېتىلەپ چېركاۋغا كىرىدۇ
2018-05-05 19:42:27   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

19-ماي شاھزادە خاررى بىلەن مېگاننىڭ توي مۇراسىمى. يېقىندا مېگاننىڭ دادا بىر ئانا باشقا ئاكىسى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تويغا تەكلىپ قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، خاررىغا توينى بىكار قىلىش تەكلىپىنى بەردى. بىراق، ئەنگلىيە خان جەمەتى 4-ماي مېگاننىڭ ئاتا-ئانىسىنى تويغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى، مېگاننىڭ دادىسىنىڭ قىزىنى يېتىلەپ چېركاۋغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە خان جەمەتى 4-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، مېگاننىڭ دادىسىنى توي مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ھەمدە توي مۇراسىمىدىن بۇرۇن ئەنگلىيە ۋە ئەنگلىيە خان جەمەتىدىكى خان جەمەتى ئەزالىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقىنى جاكارىلىدى. مېگاننىڭ دادىسى قىزىنىڭ قولىنى يېتىلەپ چېركاۋغا كىرىدۇ.

ئەنگلىيە خان جەمەتىنىڭ 4-ماي بىلدۈرۈشىچە، مېگاننىڭ ئاتا-ئانىسى توي مۇراسىمىدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن لوندونغا يېتىپ كېلىپ، ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھ ئەر-ئايالى، ۋەلىئەھدى چارلېز ئەر-ئايال، ۋىليام ئەر-ئايال بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن. توي مۇراسىمى كۈنى، مېگاننىڭ دادىسى قىزىنىڭ قولىنى يېتىلەپ، چېركاۋغا كىرىدىكەن. مېگاننىڭ ئاپىسى بولسا شۇ كۈنى مېگان بىلەن بىللە ۋېندسور قەلئەسىگە كېلىدىكەن.

سۈرەتتە، مېگان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چۈشكەن ئوپچە سۈرىتى.

شاھزادە خاررى بىلەن مېگان ئالەمدىن ئۆتكەن خانىش دىيانناغا بولغان چەكسىز سېغىنىشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، توي مۇراسىمىدا خانىش دىيانناغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىكەن. شاھزادە خاررى بىلەن مېگان ئۈچ تاغا-ھاممىسىنى توي مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلغان. شاھزادە خاررىنىڭ چوڭ ھاممىسى توي مۇراسىمىدا دىياننا جەمەتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىدۇ.

ئالدىنقى مەزمۇن: گۋاتېمالا پاكايا يانار تېغى پارتىلاپ قىپقىزىل ۋولقانلار ئېتىلىپ چىقتى
كېيىنكى مەزمۇن: يېڭى زېللاندىيەدە قارا يامغۇردىن كېيىن 200 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئازگال پەيدا بولدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号