ss ss ss ss

ياپونىيەدە «گۈل چېڭى قىزىتمىسى» سەۋەبلىك 12 مىليارد يۈەن زىيان بولدى
2018-05-05 19:42:13   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى 4-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەدە نورۇزگۈللىرى ئېچىلىپ رومانتىك مەنزىرە ھاسىل بولىدىغان ئەتىياز پەسلى يەنە «گۈل چېڭى قىزىتمىسى» ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان پەسىل ئىكەن، ھەر يىلى نۇرغۇن زىيان بولىدىكەن. 2018-يىلى بىر قىسىم رايونلاردىكى «گۈل چېڭى قىزىتمىسى» بىمارىنىڭ سانى ھەتتا 2017-يىلىدىكىنىڭ بىر ھەسسىسىچىلىك كۆپىيىپ، ئومۇمىي ئىقتىسادىي زىيان 200 مىليارد يىنغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 12 مىليارد يۈەن) يەتكەن.

ياپونىيەنىڭ باھار پەسلى پورەكلەپ ئېچىلغان نورۇزگۈللىرى بىلەن داڭلىق. بۇ پەسىلدە يەنە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا «گۈل چېڭى قىزىتمىسى» ھۇجۇم قىلىدۇ. توكيو دائى-ئىچى (Dai-Ichi) ھاياتلىق تەتقىقات ئورنىدىكىلەر ياپونىيەدە بۇ يىل «گۈل چېڭى قىزىتمىسى» سەۋەبلىك 200 مىليارد يېن زىيان بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەتقىقات ئورنىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى توشىخىرو ناگاخاما (Toshihiro Nagahama): «زىياننىڭ شەكلى ھەرخىل بولدى. مەسىلەن، چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇشتىن ساقلىنىدىغانلار تېخىمۇ كۆپەيدى، گۈل چېڭى كېسەللىكى بار خىزمەتچىلەر رۇخسەت سورايدىغان ۋاقىت كۆپەيدى، ئاغرىق ھالەتتە كېلىپ ئىشلىگەن تەقدىردە ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ئاجىزلاپ كەتتى» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

2018-يىلى ياپونىيەدە «گۈل چېڭى قىزىتمىسى» بىمارىنىڭ سانى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى، قىسمەن رايونلاردىكى بىمارلارنىڭ سانى 2017-يىلىدىكىنىڭ بىر ھەسسىدىن ئارتۇقراق كۆپەيدى، توكيو ئالاھىدە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، توكيو نوپۇسىنىڭ يېرىمى «گۈل چېڭى قىزىتمىسى» بولۇپ قالغان. 2008-يىلى توكيودا «گۈل چېڭى قىزىتمىسى» بولغانلار ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئۈچتىن بىرىگىمۇ يەتمىگەن.

«گۈل چېڭى قىزىتمىسى» پەيدا بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ياپونىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كۆپلەپ ئورمان بەرپا قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا تىكىلگەن ھىمالايا كېدرى ۋە ئارچىلار ھازىر چوڭىيىپ گۈل چېڭى چىقىرىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە كىردى.

توكيودا ھەر يىلى يەتتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 45 مىليون يۈەن) سەرپ قىلىنىپ گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىدىغان دەرەخلەر ئازايتىلىپ، ئورنىغا چېڭى ئاز دەرەخلەر تىكىلىدۇ. 2006-يىلىدىن بۇيان ھۆكۈمەت ھەر يىلى يېڭىدىن كۆچەت تىككەن كۆلەم 60 گېگتارغا يەتتى. بىراق، دەرەخلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە قومۇرۇۋېتىلىشى توكيونىڭ ئەتراپىدىكى تاغلىق رايونلاردا تاغ يىمىرىلىش ۋە كەلكۈن پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ياپونىيە مېدىتسىنا تەتقىقات شىركىتى ئانتېرىيو (Anterio) بۇ يىل 3-ئايدا «گۈل چېڭى قىزىتمىسى»غا قارشى دورىلارنىڭ سېتىلىش سوممىسى 20 مىليارد يىننى (بىر مىليارد 200 مىليون يۈەن) بۆسۈپ ئۆتۈپ 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالدىنقى مەزمۇن: ئەنگلىيە خان جەمەتىدە ئەزەلدىن دېيىشكە بولمايدىغان سۆزلەر قايسىلار
كېيىنكى مەزمۇن: بىۋاستە تارقىتىش داۋامىدا بەدقىلىق ئەرگە ئۇچرىغان ساھىبجامال مۇخبىر مىكروفون بىلەنلا ئەدىپىنى بەردى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号