ss ss ss ss

ئەنگلىيەدىكى بىر كەنت يىلىغا ئىككى سانتىمېتىرلىق سۈرئەتتە كۆتۈرۈلمەكتە
2018-04-16 12:41:09   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

يەر شارى تورى 16-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆي باھاسىنىڭ ھەر يىلى يۇقىرىلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بىراق، يەر بەلگىسى خاراكتېرلىك ئىمارەتلەرنىڭ ئىزچىل يۇقىرىلىشىنى ئاڭلىمىغان بولغىيتتىڭىز. ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 13-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئەنگىلىيە دېۋون ۋىلايىتىدىكى ۋىللاند (Willand) ناملىق بىر كەنت يىلىغا ئىككى سانتىمېتىرلىق سۈرئەتتە كۆتۈرۈلگەن. مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا چوڭقۇر يەر قاتلىمىنىڭ تەسىرى سەۋەب بولغان دەپ قارىغان بولسىمۇ، كونكرېت سەۋەبىنى تاپالمىغان. ھازىر بۇ كەنتنىڭ ئىككى كىلومېتىر دائىرىسىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى تەتقىقاتچىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

ئەنگىليەدىكى بۇ قەدىمىي كىچىك كەنت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدە كەپە، بىر قاۋاقخانا، بىر كەنت زالى ۋە پۇتبول كۇلۇبى بار. ھازىر بۇ قۇرۇلۇشلار يىلىغا ئىككى سانتىمېتىرلىق سۈرئەتتە كۆتۈرۈلمەكتە. بىر دوكتۇر: «بىز ئۇچرىغان ئەڭ غەلىتە ئەھۋال دېۋون ۋىلايىتى ۋىللاند رايونىدىكى يەر يۈزىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

ئەنگىلىيەدە يېڭى خەرىتە سىزىلىپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ يەر يۈزىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مەقسەت قىلىنغانىدى. بۇ كەنتنىڭ يەر يۈزىنىڭ ئۆرلىشىمۇ مۇشۇ جەرياندا بايقالغان. بۇ خەرىتە رادار ئارقىلىق تارتىلغان يەر يۈزىنىڭ ئولتۇرۇشۇش ۋە كۆتۈرۈلۈشى خاتىرىلەنگەن 2000 پارچىدىن كۆپرەك سۈرەت ئاساسىدا تۈزۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە كونا كان قۇدۇقى رايونى يەر يۈزىنىڭ ئۆرلىشى ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال بولۇشى مۇمكىن.

نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر شىركەتتىكىلەر ۋىللاند يەر يۈزىنىڭ ئۆرلەش سەۋەبى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. بۇ شىركەتنىڭ باياناتچىسى: «بىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىككى كىلومېتىرغا يېقىن دائىرىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بايقىدۇق، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىغىلغان ئۇچۇرلاردىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلە بايقالدى. يەر يۈزىنىڭ ئۆرلىشى ئاساسلىق تۆمۈر يول غول لىنىيىلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېدى.

ئالدىنقى مەزمۇن: ئەنگلىيەدە 25 يىلدىن بۇيان تۇنجى تۇنجى شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى بالىسى نامايەن بولدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئەنگلىيەلىك ساھىبجامال ئائىلە زوراۋانلىقى بىلەن يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号