
«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 11-ئاپرېل كېچىدىكى تۆت سائەتكە سوزۇلغان بوران-چاپقۇنلۇق يامغۇردا ئۇتتار ۋە راجاستاندا 42 ئادەم ھاياتىدىغان ئايرىلغان، ئۇندىن باشقا 200 نەچچە ئادەم يارلانغان.
ئوتتار ئىشتاتىنىڭ ئاگورا، ماتۇرا ۋە فىلوزابات رايونىدا 22 ئادەم قازا قىلغان. راجاستاننىڭ شەرقى رايونىدا 20 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، ئۇلانىڭ ئىچىدە يەتتىسى بالا ئىكەن. شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كۆپ قىسىم قازا قىلغۇچىلارنى ئۆي ئۆرۈلۈپ بېسىۋالغان.ھىندىستان ھاۋارايى ئىدارىسى مەسئۇلى دۋېكېلاما 12-ئاپرېل دېيىشىچە، 11-ئاپرېل كېچىدىكى بوراننىڭ ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك تېزلىكى 130 كىلومېتىرغا يەتكەن بولۇپ، تاجمەھەل مەقبەرىسىنىڭ ئىككى چوڭ ئىشىكىدىكى كىچىك مۇنارلىرى بوراندا ئۆرۈلۈپ، ۋەيران بولغان، ئەمما ئادەم يارلىنىش بولمىغان. بۇ جايدىكى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئاساسلىق قۇرۇلۇشلىرى ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمىغان.