ss ss ss ss

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆزگىچە مېھمانخانىلاردىن قايسىنى ياقتۇردىڭىز
2018-04-15 22:59:52   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

جۇڭگو ئاخبارات تورى 15-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

باھار كەلگەندە،كۆڭلىڭىزدە يىراق دالىلارغا بېرىپ تاماشا قىلغۇڭىز كېلەمدۇ. ساياھەتكە چىققاندا مېھمانخانا زاكاز قىلىشمۇ بىر مەسىلە بولۇپ، كۆڭلىڭىزدە ئويلاپ تېخى ھەركەتكە ئۆتەلمەيۋاتقان بولسىڭىز،ئۇنداقتا تۆۋەندىكى مېھمانخانىلارنى كۆرۈپ بېقىڭ. ئۇلارنىڭ ھەرخىل كۆرۈنۈشلىرى ساياھەت ئىلھامىڭىزنى قوزغىشى مۇمكىن.

چېخ جۇمھۇرىيىتى بېنېسوۋ بازىرى يېنىدىكى ياپيېشىل تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان ئارامگاھدا بىر قاراۋۇل دەرەخ ئۈستىگە بىر ئېغىزلىق مېھمانخانا سېلىپ، يازلىق مېھمان كۈتۈۋېلىشقا تەييارلاندى.

ياپونىيە توكيودىكى كاپسۇلا مېھمانخانىسىدا بىر ئامېرىكىلىق مېھمان ئۇخلىماقتا. ئۇخلىغاندا جىم ياتمايدىغان دوسلار تارلىقىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.

بۇ بىر خىرىسقا تولغان ۋىرگو يۇلتۇز تۈكۈمىدىكىلەرنىڭ مېھمانخانىسى، ئەگەر زورۇقۇش كېسىلىڭىز بولسا كۆرۈپلا قونۇشتىن ۋاز كېچىشىڭىز مۇمكىن. مالتادىكى جۇلىئاندا دەم ئالىدىغان مېھمانخانىنىڭ بالكونى ھەرخىل رەڭدە بولۇپلا قالماي، تىزىلىشىمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق «جانلىق».

ھىندونرزىيە جاكارتادىكى بىر مېھمانخانا سەنئەت تۈسىدە بېزەلگەن بولۇپ، ئاشخانا ئۈستىلىنى تازلاۋاتقان كۈتكۈچىنىڭ يېنىدىكى رەسىم بولسا ھىندونېزىيە رەسسامى ئەيدى خالانىڭ رەسىمى.

تايلانت باڭكوك شەھەر مەركىزىدىكى بىر مېھمانخانا بىنا ئۈستىگە ئۈستى ئوچۇق سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قىلغان بولۇپ، بۇ يەدە سۇ ئۈزگەچ تۆۋەندىكى قىستاڭچىلىققا تولغان يولنى تاماشا قىلغىلى بولىدۇ.

ۋېيتنامدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ زۇڭتۇڭ ياتىقىنىڭ ئاشخانا لازىمەتلىكلىرىلا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن بولۇپ قالماي، بەلكى تازلىق ئۆيىدىكى تەرەتدان، ۋاننىلىرىمۇ ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن، ئالتۇنلار چاقناپ، كىشىنى ئەيمەندۈرگۈدەك دەرىجىدە ئېسىل ئىكەن.

مالتا مېلبۇرىن شەھەر سىرتىدىكى ئالتۇن دېڭىز قولتۇقىدا، كىشىلەر دېڭىز ساھىلىدىكى ئارامگاھتا ئولتۇرۇپ دېڭىزنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنالايدۇ.

فىلىپپىن پايتەختى مانىلادا بىر خىزمەتكار H20 مېھمانخانىسىنىڭ ياتىقىنى يىغىشتۇرۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن ياتاق دېڭىز ئاستىدا ئۇخلاۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ، تاملار بېلىق قاچىسىدا ياسالغان بولۇپلا قالماي، يەنە تېلىۋىزور ۋە چىراغلارمۇ شۇ مۇھىتقا ماسلاشتۇرۇلغان.

چىلىدىكى «باخىيە» ئاپتوموبىل مېھمانخانىسى، ياتاقلارنىڭ ئىچكى-تاشقى قۇرۇلمىسى ماسلاشتۇرۇلۇپ ياسالغان بولۇپ، بۇ بىر كېمە ئۆي.

كېمە ئۆيدە خىزمەتكار يوتقان-كۆرپىلەرنى يىغىشتۇرۋاتىدۇ.

ئالدىنقى مەزمۇن: ئامېرىكىدىكى 11 ئىشتاتتا چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلدى
كېيىنكى مەزمۇن: ھىندىستان بوران-چاپقۇنلۇق يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 42 ئادەم قازا قىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号