بېتا تورى 15-ئاپرېل خەۋىرى
،
نۇر تورى تەرجىمىسى:ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى (CDC) ئېلان قىلغان باياناتتا ئېيتىلىشىچە
،
ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن ئىشتاتلاردا يۈز بەرگەن چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى يۇقۇم ئەھۋالى ئۇۋاق Romaine Lettuce (ئۇزۇن يوپۇرماقلىق كۆكتات/رومان سۈتلۈك كۆك چېچەك) كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن
،
ئەگەر ئىستېمالچىلار ئۆز ئۆيىدىكى كۆكتاتنىڭ قايسى خىل كۆكتات ئىكەنلىكىنى بىلمىسە
،
ئۇ ھالدا ئەڭ ياخشى ئىشلەتمىگىنى ياخشى ئىكەن.

نۆۋەتتە CDC كەڭ كۆلەمدە يامرىغان چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيە ۋىرۇسىنىڭ قايسى ئۆسۈملۈك ئۆستۈرگۈچى
،
تەمىنلىگۈچى
،
ۋاكالىتەن ساتقۇچىلار تەمىنلىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس
،
ئەمما نۆۋەتتە بۇلغىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كۆكتاتلار پەقەت ئارىزونا ئىشتاتىنىڭ يۇما رايونىدىلا بار. CDCنىڭ بىلدۈرۈشىچە
،
چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى بۇلغانغان سۇ ياكى يېمەكلىك ئارقىلىق تارقىلىدىكەن
،
ئادەم يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئاشقازان تارتىشىپ قېلىش
،
ئىچى سۈرۈش ۋە قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن
،
ئېغىر بولغاندا بۆرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ كىشىلەر 3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە يۇقۇملانغان بولۇپ
،
يېشى 12 ياشتىن 84 ياشقىچە ئىكەن ھەمدە كۆپىنچىسى ئايال ئىكەن. CDCنىڭ بىلدۈرۈشىچە
،
نۆۋەتتە پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 11 ئىشتاتتا 35 ئادەم يۇقۇملانغان
،
بۇنىڭ ئىچىدە 22 ئادەمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ
،
دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانمىسا بولمايدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ بىماردا بۆرەك زەئىپلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن. نۆۋەتتە ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى بايقالمىغان. دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىلار سانى جەھەتتە پىنسىلۋانىيە ئىشتاتىدا توققۇز ئادەم
،
ئايداخو ئىشتاتىدا سەككىز ئادەم
،
يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدا يەتتە ئادەم
،
كوننېكتىكات ئىشتاتىدا ئىككى ئادەم
،
نيۇيوركتا ئىككى ئادەم
،
ئوخايو ئىشتاتىدا ئىككى ئادەم
،
ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدا بىر ئادەم
،
ۋاشىنگتون ئىشتاتىدا بىر ئادەم
،
مىسسۇرى ئىشتاتىدا بىر ئادەم
،
مىچگان ئىشتاتىدا بىر ئادەم
،
ئىللىنويىز ئىشتاتىدا بىر ئادەم بار.
