ss ss ss ss

ئەنگلىيەدىكى 33 ياشلىق يالغۇز ئانا 50 فوندستېرلىڭ سەۋەبلىك ئالتە بالىسى بىلەن ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كېلىۋالدى
2018-04-15 22:59:45   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى 15-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ چېلتېنام شەھىرىدىكى ئالتە بالىسى بار يالغۇز ئانىنىڭ تۇرالغۇ ياردەم پۇلىدىن 50 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 400 يۈەندىن ئاشىدۇ) قىسقارتىۋېتىلگەچكە، تۇرمۇشى قىيىن ئەھۋالدا قىلىپ، ئائىلە بويىچىلا ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنداق قىلىپ، ئەسلىدىنلا كىچىك تۆت ئېغىزلىق بۇ ئۆيدە جەمئىي 14 ئادەم تۇرىدىغان بولغان.

بۇ يالغۇز ئانىنىڭ ئىسمى پارىتىكا نېۋمان، بۇ يىل 33 ياشقا كىردى. ئۇنىڭ ئالتە بالىسىنىڭ ئەڭ چوڭى كىئان 13 ياش بولۇپ، ئەڭ كىچىكى كەننىي ئارانلا بىر ياش، قالغان تۆت بالىسى ئايرىم ئايرىم ئىككى، ئۈچ، بەش ۋە ئالتە ياشتۇر. تۇرالغۇ ياردەم پۇلىنىڭ قىسقارتىۋېتىلىشى سەۋەبلىك ئۆي ئىجارىسىنى پەقەتلا تۆلىيەلمىگەچكە، ئاپىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

پاتىرىكا نېۋماننىڭ دېيىشىچە، ئەڭ كىچىك بالىسى كەننىينى يەڭگىگەندىن كېيىن، تۇرالغۇ ياردەم پۇلىنىڭ تۇيۇقسىز كېمىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بىر تەرەپتىن يېشى ھالقىغان، كېسەلچان ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ، بىر تەرەپتىن يەنە ئالتە بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. 

پاتىرىكانىڭ ئاپىسى دوروسىينىڭ دېيىشىچە، قىزىنىڭ ھال-كۈنى ئىنتايىن يامان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئالتە نەۋرىسى ھەر كۈنى مېمھانخانىدا ئۇخلايدىكەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق بىر ئۆيى بولۇشى كېرەك، چۈنكى بۇنداق بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قىستلىشىپ ئۆتۈشىمۇ ياخشى چارە ئەمەس.

پاتىرىكانىڭ دېيىشىچە، ئاپىسى ئەسلىدىنلا تۆت نەۋرىسىنى بېقىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنىسىمۇ ئاپىسىنىڭكىدە تۇرىۋاتقان ئىكەن. شۇڭا ئادەم بەكلا جىق بولغاچقا، ئۇ ھازىر ياردەمگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بالىلارنىڭ ئىچىدە چوڭىنىڭ دادىسى بەختكە قارشى قازا قىلغان بولۇپ، باشقا بالىلارنىڭ دادىسى ھايات بولسىمۇ، بىراق ئۇلار بىلەن قىلچىلىك كارى بولمايدىكەن.

ئالدىنقى مەزمۇن: يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش تۈرى جۇڭگو-مىسىر يېڭى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئامېرىكىدىكى 11 ئىشتاتتا چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号