ss ss ss ss

ئامېرىكىدىكى يەتتە ياشلىق بالا يايما ئېچىپ ئىككى سائەتتىلا 1000 دوللار كىرىم قىلدى
2018-04-15 22:59:41   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يەتتە ياشلىق بالا بىرادلىي روبېرتىس ئامېرىكىنىڭ لۇيىس ئىشاتىدا تۇرىدىغان بولۇپ، بۇلتۇر رادىيودىن نورتون بالىلار راك كېسىلى تەتقىقات ئورنىدىكى كېسەل بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.

نورتۇن مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچىسى مىتچېل لانىزنىڭ دېيىشىچە، بۇ پائالىيەت راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئىنتايىن چوڭ ياردەم قىلالايدىكەن. «ئىئانىدە يىغىلغان پۇللار كېسەل بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇرالغۇ خىراجىتىگە ئىشلىتىلىدۇ مەيلى ئۇلارنىڭ قانداق ئاساسىي تەلىپى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز يەنىلا كېسەل بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە ياردەم قىلىمىز».

بىرادلىي دەرھال بۇ پائالىيەتكە قىزىقتى. «مەن ئىلگىرى دوختۇرخانىدا يېتىپ باققان، بۇنىڭ قانداق تۇيغۇدا بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. شۇڭا دوختۇرخانىدا ياتقان شۇ بالىلارغا ياردەم قىلغۇم كەلدى»، دېدى، ئۇ.

«ئەڭ دەسلەپتە مەن پەقەتلا لىمون سۈيى ساتماقچى بولدۇم، بىراق كېيىن يەنىلا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكنى سېتىشنى قارار قىلدىم. چۈنكى يالغۇز ئىچىملىك سېتىپلا يېتەرلىك پۇل تاپقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن».

تۇنجى قېتىم يايما ئاچقان ئۇ ئىككى سائەتتىلا 1000 دوللاردىن ئارتۇق پۇل يىغدى. (بىر دوللار تەخمىنەن 6.3 يۈەنگە باراۋەر)

بىرادلىينىڭ ئاپىسى تېرىسا روبېرتىس ئوغلىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى قوللايدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. بۇ يىل ئۇلار ئىئانە نىشانىنى 1500 دوللارغا ئۆستۈرۈشنى پىلانلاۋاتىدۇ. بۇ كىچىك يايمىدا باھا جەدىۋىلى يوق، سىز قانچىلىك بېرىشنى خالسىڭىز، شۇنچىلىك بەرسىڭىز بولىدۇ.

بىرادلىي: «سىز ھەتتا بىر پۇڭ چىقىرىپمۇ ئوخشاشلا 300 كىشىلىك ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كېتەلەيسىز»، دېدى. 

ئالدىنقى مەزمۇن: ئەجىبا، شاھزادە ۋىليامنىڭ ئۈچىنچى بالىسى راستىنلا ئوغۇلمىدۇ؟
كېيىنكى مەزمۇن: يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش تۈرى جۇڭگو-مىسىر يېڭى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号