ss ss ss ss

ياش ئانا ئىككى كىچىك بالىسىنى ئاپتوموبىلغا 14 سائەت سولاپ تۇنجۇقتۇرۇپ قويدى
2018-04-15 22:59:33   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 15-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكىدىكى 21 ياشلىق بىر يالغۇز ئانا يېقىندا ئىككى بالىسىنى ئاپتوموبىلغا 14 سائەت سولاپ قويۇپ ئۇلارنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى. ئۇ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن پۇشايمان قىلماي، ئەكسىچە «بالىلارنى بالا باققۇچى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىك» ھېكايىسى توقۇپ ساقچىلارنى ئالدىماقچى بولدى. نۆۋەتتە، ئۇ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە بالىلارنى خورلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى.

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 14-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئارىزونا ئىشتاتى سۇپېرىئور ساقچىلىرى 2-ئاپرېل كەچتە ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى تاپشۇرۇۋېلىپ بىر ئالىي دەرىجىلىك ئولتۇراق رايونغا توختىتىلغان بىر ئاپتوموبىلدا غەيرىيلىك بارلىقىدىن، ئاپتوموبىلدىكى ئىككى بالىنىڭ جىمجىت تۇرغانلىقدىن خەۋەر تاپقان. ئارقىدىن، ئۇلار دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ ئاپتوموبىل ئىشىكىنى ئاچقاندا بىر ئوغۇل، بىر قىز بالىنىڭ بالىلار ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغان ھالەتتە جان ئۈزگەنلىكىنى بايقىغان.

قازا قىلغانلار ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن ئوغۇل كىرىستوفېر مىلاندا بىلەن ئەمدىلا 10 ئايلىق بولغان بىروكىلىن روسى مىلاندا ئىدى. ئۇلار 21 ياشلىق ئانىسى بىرىتتانىي ۋېلاسكۇزنىڭ ئاپتوموبىلىغا 14 سائەت سولاپ قويۇلغاندىن كېيىن ئوكسىگېن يېتىشمەي ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

بىرىتتانىي ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن. ئۇ بالىلىرىنى ھايات ۋاقتىدا كۆرگەن ئاخىرقى ئادەم. ئۇ ساقچىلارغا سابىق يولدىشىنىڭ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىشىنىڭ ئىككەيلەننىڭ نىكاھى بۇزۇلۇشىدىكى سەۋەب ئىكەنلىكىنى، نەچچە كۈن ئىلگىرى مۇزسىمان زەھەرنى كۆپ چېكىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك قازا قىلغانلىقىنى، بالىلارنى بېقىش مەسئۇلىيىتى يالغۇز ئۆزىگە يۈكلەنگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ بالىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت ئىزدەپ يېقىندا بىر ئاشخانىدىن 12 سائەت ئىشلەيدىغان خىزمەت تاپقان، شۇ كۈنى ئىككى بالىسىنى بالا باققۇچىغا تاپشۇرغان، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئاخىرقى قېتىم خوشلىشىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان.

ساقچىلار تەكشۈرگەندىن كېيىن بۇ ئىشتا قاتمۇ-قات گۇمانلىق نۇقتا بارلىقىنى بايقىغان، ئۇ ئانا ئېيتقان «سىرلىق بالا باققۇچى»نىڭ ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ، يەنە تۇيۇقسىز غايىب بولۇپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنى ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. بىرىتتانىي تېخى: «ساراڭ بولۇپ قالايلا دېدىم. بالا باققۇچى مېنى سېتىۋەتتى» دېگەن.

بالىلارنىڭ مومىسى كەسىي ۋېرنېت بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئۇ كۆپ قېتىم بالىلارنى قوغداش مۇلازىمەت مەركىزىگە تېلېفون قىلىپ بىرىتتانىينىڭ روھىي ھالىتى تۇراقسىزلىقىنى، بالىلارنى ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قويۇشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى، بىراق، بۇنىڭغا ھېچكىم ئېتىبار قىلماي ئاقىۋەتتە مۇشۇنداق تىراگېدىيە كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.

7-ئاپرېل بۇ ئائىلىدىكىلەر ئاكا-سىڭىلنى دەپنە قىلغان. بۇ ياش ئانا 13-ئاپرېل سوتلانغاندا يەنىلا جىنايىتىنى ئىقرار قىلماي: «ئاۋۋال بالا باققۇچىنى تېپىڭلار» دەپ تۇرۇۋالغان. نۆۋەتتە، بىرىتتانىي قەستەن قاتىللىق قىلىش ۋە بالىلارنى خورلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن، كېپىللىككە قويۇپ بېرىلسە بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

ئالدىنقى مەزمۇن: ئەنگىلىيەلىك ئايال بالىسىنىڭ دادىسى دەپ قالغان ئايالنى «ۋاپاسىز» دەپ تىللىدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئەجىبا، شاھزادە ۋىليامنىڭ ئۈچىنچى بالىسى راستىنلا ئوغۇلمىدۇ؟

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号