ss ss ss ss

ئەنگىلىيەلىك ئايال بالىسىنىڭ دادىسى دەپ قالغان ئايالنى «ۋاپاسىز» دەپ تىللىدى
2018-04-15 22:59:30   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بېيجىڭ ۋاقتى تورى 15-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيەلىك ئەببىي (Abbie) ئىسىملىك بىر ئايال ئاچچىقىدا بىرمۇنچە قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىپ ئۆزنىڭ ئايداننىڭ (Aidan) بالىسىغا ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بىراق، كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان يېرى، ئۇ خاتالىشىپ ئۇچۇرنى سوفىيە (Sophie) ئىسىملىك ئايالغا ئەۋەتىپ قويغان. ئارقىدىن، سوفىيە ئۇنىڭغا ئۇچۇرنى خاتا ئەۋەتىپ قويغانلىقىنى ئېيتقاندا ئەببىي ئىشەنمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنى «ۋاپاسىز» دەپ تىللىغان.

قارشى تەرەپ ئىشەنمەي تۇرىۋالغاندا سوفىيە بىر ئۆزتارتىم سۈرەت ئەۋەتىپ ئۆزىنىڭ بالىنىڭ دادىسى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى. بىراق، ئەببىي ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن: «سەن ئۇنىڭ يېڭى لايىقى ئىكەنسەن. ئۇنىڭغا گېپىم بارلىقىنى يەتكۈزۈپ قوي» دېدى.

بۇنىڭدىن نېمە قىلارىنى بىلمىگەن سوفىيە ئىككەيلەن يوللاشقان ئۇچۇرلارنى تورغا يوللاپ: «ئايدان، ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن! مەن پەقەت سىزگە ئەببىينىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى، سىزنىڭ دادا بولىدىغانلىقىڭىزنى يەتكۈزۈپ قويماقچىمەن!» دېگەن سۆزلەرنى قالدۇرۇپ قويدى.

بۇ ئىش تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ بەزىلەر ئايداننىڭ تېزرەك ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تەلەپ قىلدى، ئايدان بىلەن ئىسىمداش بىرەيلەن ئىلاجىسىزلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇنىڭ مېنىڭ بالام ئەمەسلىكىگە قەسەم قىلىمەن» دېدى.

ئالدىنقى مەزمۇن: ئاپتوموبىلغا قاپسىلىپ قېلىشى چاخچاق دەپ قارالغان بالا تۇنجۇقۇپ قالدى
كېيىنكى مەزمۇن: ياش ئانا ئىككى كىچىك بالىسىنى ئاپتوموبىلغا 14 سائەت سولاپ تۇنجۇقتۇرۇپ قويدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号