ss ss ss ss

ئامېرىكىلىق بېلىقچى 400 كىلوگراملىق تۇننۇس بېلىقى تۇتۇۋالدى
2018-04-11 13:17:42   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى 11-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 11-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئامېرىكىلىق بىر ئەر تەخمىنەن 400 كىلوگراملىق كۆك پالاقچىلىق تۇننۇس بېلىقىدىن بىرنى تۇتۇۋېلىپ شىمالىي كارولىنا ئىشتاتى رېكورتىنى بۇزغان.

بۇ تەلەيلىك ئەرنىڭ ئىسمى سىكوت چەمبېرس (Scott Chambers)، قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىي. 17-مارت سىكوت بۇ بېلىقنى بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ دېڭىزدىن تارتىپ چىقتى.

10-ئاپرېل سىكوت زىيارەت قىلىنغاندا: «بىز ئۇنىڭ چوڭلۇقىنى بىلەتتۇق. بىراق، زادى قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلمەيتتۇق» دېدى. ئۇلار بېلىقنى كېمىگە ئېلىپ چىققاندا سىكوت ئۇنىڭ ئۆزى ھازىرغىچە تۇتقان ئەڭ چوڭ بېلىق ئىكەنلىكىنى، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى تۇتقان مارلىن بېلىقىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى.

ئۇلار پورتقا قايتقاندىن كېيىن بېلىقنى كىران بىلەن تارازىغا سېلىپ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 400 كىلوگرام كېلىدىغانلىقىنى، ئۇزۇنلۇقىمۇ تەخمىنەن 2.8 مېتىر كېلىدىغانلىقىنى ئېنىقلىدى. سىكوت: «كۆزىمىزگە ئىشەنگۈمىز كەلمەي قالدى» دېدى.

شىمالىي كارولىنا ئىشتاتى بېلىقچىلىق تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ بېلىق ئىلگىرىكى رېكورتلارنى بۇزغان. 

55 ياشلىق سىكوت بۇنچە چوڭ بېلىق تۇتالىغانلىقىدىن بەكلا ھاياجانلانغانلىقىنى، گۆشىنىڭ بىر قىسىمىنى دوستلىرىغا بۆلۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئالدىنقى مەزمۇن: دۇنيا بويىچە مېترو لىنىيەسى ئەڭ مۇرەككەپ 10 شەھەر
كېيىنكى مەزمۇن: كورېيەلىك ئەر قوشنىسىنىڭ قۇلىقىنى ئاغرىتقان ئىتىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号