ss ss ss ss

19 ياشلىق قىز ئوغۇل دوستىدىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭ دادىسى بىلەن مۇھەببەتلەشتى
2018-03-13 15:46:16   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ماتېرىيال سۈرەت، مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتسىز

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 12-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىدىكى 19 ياشلىق قىز تورغا ھېكايىسىنى يوللاپ، كەڭ تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. بۇلتۇر، ئۇ مۇھەببەتلەشكىنىگە ئىككى يىلدىن ئاشقان ئوغۇل دوستى بىلەن ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغاچقا ئايرىلىپ كەتكەن. بىراق ئۇ ناھايىتى تېزلا سابىق ئوغۇل دوستىنىڭ دادىسىنى ئۇچرىتىپ، قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرۈپ قالغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان قىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئېگىزلىكى 1.68 مېتىر، ئېغىرلىقى 59 كىلوگىرام بولۇپ، قوڭۇر رەڭلىك چېچى بار ئىكەن.

قىزنىڭ دېيىشىچە، بۇلتۇر يازدا ئۇ مۇھەببەتلەشكىنىگە ئىككى يېرىم يىلدىن ئاشقان ئوغۇل دوستى بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن. ئىككەيلەن ئاساسلىقى بىر مەكتەپتە بولمىغاچقا ئايرىلىشنى قارار قىلغان. بىراق سېنتەبىر ئېيىدا ئۇ مەلۇم مىلىچمال دۇكىنىدا سابىق ئوغۇل دوستىنىڭ دادىسىنى ئۇچرىتىپ، ناھايىتى تېزلا بىر قېتىملىق مۇھەببەتنى بېشىدىن كەچۈرگەن. نۆۋەتتە، ئىككەيلەننىڭ بىرگە ئۆتىۋاتقىنىغا يېرىم يىل بولغان.

قىزنىڭ سابىق ئوغۇل دوستىنىڭ دادىسى بۇ يىل 56 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئايالى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى راك كېسىلى بىلەن تۈگەپ كەتكەن.

نۆۋەتتە، قىزنىڭ سابىق ئوغۇل دوستى دادىسىنىڭ سابىق قىز دوستى بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، سابىق ئوغۇل دوستىنىڭمۇ يېڭى قىز دوستى بولۇپ، خېلى كۆپ كىشىلەر ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلمەيدىكەن.

ئىككەيلەننىڭ بىرگە ئۆتكەندىكى ۋاقىتلارنى ئەسلىگەندە قىزچاق: «بىز بەزىدە سىرتقا چىقىپ كەچلىك تاماق يەيمىز، بايرام كۈنلىرى ئۇ ماڭا سوۋغات بېرىدۇ. روژدېستۋو بايرىمى ۋە تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئۇ ماڭا بىر قانچە زەنجىر ئېلىپ بەردى»، دېدى.

كۆپلىگەن كىشىلەر قىزنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئۆز بەختىنى قوغلاشقىنىغا قايىل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ: «سىز بەك قالتىسكەنسىز، سىز ئۈچۈن ئالقىش ياڭرىتىمىز»، دېيىشتى.

ئالدىنقى مەزمۇن: ئامېرىكىدىكى بىر تۇخۇم ۋە تۆرەلمە ساقلاش ئۈسكۈنىسىدىن كاشىلا چىقتى
كېيىنكى مەزمۇن: نورۋېگىيەدىكى كىچىك بازارنىڭ «مۇز ئۈستى يېپەك يولى ئارزۇسى»

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号