ss ss ss ss

ئامېرىكىدىكى بىر تۇخۇم ۋە تۆرەلمە ساقلاش ئۈسكۈنىسىدىن كاشىلا چىقتى
2018-03-13 16:58:18   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا «دۇنيا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا سان فىرانسىسكو «تىنچ ئوكيان كۆپىيىش ئامبۇلاتورىيەسى» 11-مارت ئامبۇلاتورىيەدىكى سۇيۇق ھالەتتىكى ئازوتتا 4-مارت كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن توڭلىتىپ ساقلىنىۋاتقان نەچچە مىڭ توخۇم ۋە تۆرەلمىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىقرار قىلغان. بۇ مۇشۇ ئامبولاتورىيەدىكى ئۈسكۈنىلەردە بىر ھەپتە ئىچىدە 2-قېتىم كاشىلا كۆرۈلۈشى بولۇپ، نەچچە مىڭ ئايالنىڭ ئانا بولۇش ئارزۇسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئوخايو ئىشتاتى كىلېۋېلەند ئۇنىۋېرسىتېت دوختۇرخانىسى كۆپىيىش ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ توڭلىتىش ئۈسكۈنىسىدە كاشىلا كۆرۈلگەندىن كېيىن توڭلىتىلغان 2000دەك تۇخۇم ۋە تۆرەلمە زىيانغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن مۇشۇ ئىش چىقتى. ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ ئىش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپىيىشكە ياردەم بېرىش تېخنىكىسنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە ئومۇملاشقانلىقىنى، ئاياللاردىن تۇخۇمىنى توڭلىتىپ قيۇشنى خالايدىغانلار كۆپىيىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

تىنچ ئوكيان كۆپىيىش ئامبولاتورىيەسىنىڭ باشلىقى كارل خېربېرت (Carl Herbert) دوختۇرخانا تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا 4-نومۇرلۇق ساقلاش ئۈسكۈنىسىدىكى سۇيۇق ئازوتنىڭ قويۇقلۇقى ناھايىتى تۆۋەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنداق بولغاندا ساقلاش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئىچكى تېمپېراتۇرىسى يۇقىرىلاپ تۇخۇم ياكى ھامىلە ساقلايدىغان توقۇلمىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئامبۇلاتورىيە باياناتچىسى رومنېي تەسىرگە ئۇچرىغان تۇخۇم ۋە تۆرەلمىلەرنىڭ سانىنى ئېنىق ئېيتىشنى رەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ دوختۇرخانىدا ساقلانغان تۇخۇم ۋە تۆرەلمىلەرنىڭ %15~%10ىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. دوختۇرخانىدىكىلەر يەنە تېلېفون ۋە ئېلخەت ئارقىلىق ئاز دېگەندە 400 بىمارغا خەۋەر قىلدى.

كارل تەسىرگە ئۇچرىغانلارنىڭ بۇ ئىشنى ئاچچىقلانماي تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلالىشى قىيىنلىقىنى، كۆپىنچىسىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق ئاچچىقلانغانلىقىنى، دوختۇرخانىنىڭ ئۇلارغا كۈچىنىڭ بارىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە: «توڭلىتىلغان تۇخۇم ۋە تۆرەلمىلەرنىڭ زىيانغا ئۇراش دەرىجىسى ئېنىق ئەمەس. دوختۇرخانا نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن بىر قىسىم ھۈجەيرىلەرنىڭ ھېلىمۇ ھاياتلىقىنى بايقىدى. بىراق، ئىشلىتىشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس» دېدى.

ئالدىنقى مەزمۇن: بولغۇسى كېنەز خانىمى مېگان تۇنجى قېتىم ئايال پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتكە قاتناشتى
كېيىنكى مەزمۇن: 19 ياشلىق قىز ئوغۇل دوستىدىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭ دادىسى بىلەن مۇھەببەتلەشتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号