ss ss ss ss

بولغۇسى كېنەز خانىمى مېگان تۇنجى قېتىم ئايال پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە پائالىيەتكە قاتناشتى
2018-03-13 16:58:09   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-مارت، ئەنگلىيە لوندون ۋېستىمىنىستىر چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنگلىيە فېدېراتسىيە كۈنى پائالىيىتىدە، شاھزادە خاررى بىلەن بولغۇسى كېنەز خانىمى مېگان ماركىل ۋە ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ھەمدە باشقا ئالىي دەرىجىلىك خان جەمەتى ئەزالىرى تۇنجى قېتىم بىرلىكتە نامايەن بولغان. شۇ كۈنى، مېگان ئۇچىسىدىكى مودا ۋە لاتاپەتلىك كىيىمى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن قېينئانىسىنى خانىش دىيانناغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن.

ھەشەمەتلىك چېركاۋغا يېتىپ كەلگەندە، شاھزادە خاررى بىلەن مېگان كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن باشقا، شاھزادە ۋىليام بىلەن ئايالى كەيت، شاھزادە چارلېز ۋە باشقا خان جەمەتى ئەزالىرىمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

ئايال پادىشاھ ئەنگلىيە فېدېراتسىيە كۈنى پائالىيىتى نەق مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندە، ۋېستىمىنىستىر چېركاۋى مۇدىرى ئۆزى ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋالدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەت بولغۇسى كېنەز خانىم مېگان ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئابىدە خاراكتېرلىك پائالىيەت بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئايال پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە ئاممىۋى پائالىيەتتە يۈز كۆرسىتىشى ھېسابلىنىدۇ. مېگان يەنە بۇ سورۇندىن پايدىلىنىپ، قېيىنئانىسى خانىش دىيانناغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئۇچىسىدىكى ئاق رەڭلىك پەلتومۇ دەل خانىش دىياننانىڭ ئەڭ ياقتۇرىدىغان لايىھەلىگۈچىسى لايىھەلىگەن كىيىمدۇر.

مېگاننىڭ ئۇچىسىدىكى بۇ مۇراسىم كىيىمنىڭ قىممىتى 895 فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 7870 يۈەنگە باراۋەر) بولۇپ، ئۇ بۇنىڭغا دېڭىز ئارمىيەسى كۆينىكىنى ماسلاشتۇرۇپ، لاتاپەتلىكلىكىنى نامايەن قىلغان. ئۇ يەنە سىتەفېن جونېس لايىھەلىگەن ئاق رەڭلىك بېرېت شىلەپىسىنى ماسلاشتۇرغان بولۇپ، جونېس خانىش دىياننا ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئايال شىلەپە لاھىيەلىگۈچى. شاھزادە چارلېز بىلەن توي قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، بۇ ئايال شىلەپە لايىھەلىگۈچى جەسپېر كونران بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئەينى ۋاقىتلاردىكى 20 ياشلىق دىياننا ئۈچۈن بىر يۈرۈش بېرېت شىلەپىسىنى لايىھەلەپ بەرگەن. سۈرەتتىكى بىر قىزچاق خۇشال ھالدا مېگانغا چىرايلىق گۈلدەستە سوۋغا قىلغاندا، مېگانمۇ قىزغىنلىق بىلەن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بالىلار بىلەن پاراڭلاشتى.

سۈرەتتە، تۇنجى قېتىم ئەنگلىيە فېدېراتسىيە كۈنى پائالىيتىگە قاتناشقان مېگان ۋېستىمىنىستىر چېركاۋى مۇدىرى بىلەن قىزغىن پىكىرلەشتى.

مېگان بىلەن خاررى قول تۇتۇشۇپ، ئىللىق كۈلۈمسىرىگىنىچە چېركاۋغا يېتىپ كەلدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئايال پادىشاھنىڭمۇ قاتنىشىشى ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، ئىنتايىن ئالاھىدە، ئۆزگىچە ئەھمىيەتكە ئىگە.

سۈرەتتە، مېگان ئوماق كىچىك خان جەمەتى مەستانىسى بىلەن پاراڭلاشتى.

ئىگىلىنىشىچە، مېگان 19-ماي ۋىندسور قەلئەسىدە شاھزادە خاررى بىلەن توي قىلىدىكەن. بىزمۇ ئۇلارغا بەخت تىلەيمىز. 

ئالدىنقى مەزمۇن: «سۇ پەرىلىرى» سۇ جانلىقلىرى باغچىسىدا بالىلار بىلەن ئوينىدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئامېرىكىدىكى بىر تۇخۇم ۋە تۆرەلمە ساقلاش ئۈسكۈنىسىدىن كاشىلا چىقتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号