ss ss ss ss

كانادا گېرمانىيە بايرىقىنى ئېسىپ بېلگىيە پادىشاھى ۋە ئايالىنى «قارشى ئالدى»
2018-03-13 13:06:24   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

يەر شارى تورى 13-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى»نىڭ 12-مارت خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا كانادا پايتەختى ئوتتاۋادا گېرمانىيە بايرىقى ئېسىلىپ، زىيارەتكە كەلگەن بېلگىيە پادىشاھى فىلىپ ۋە ئايالى ماتىلدا قارشى ئېلىنغان. 

بۇ خاتالىق كانادا دۆلەت باشلىقى ئېلزابىت II تۇرۇشلۇق باغچىدە يۈز بەرگەن. بۇ جايدا 40 نەچچە يىل بۇرۇن بىلگىيە ئايال پادىشاھى فابىيولا (Fabiola) تىككەن كانادا ئېرەن دەرىخى بار بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر سېرىق لېنتىغا بايلانغان كانادا دۆلەت بايرىقى بىلەن گېرمانىيە دۆلەت بايرىقى ئېسىقلىق تۇرىدۇ. 

كانادا باش ۋالىيسى جۇلى پايېتنىڭ باياناتچىسى لېتۇرنېئو (Marie-Eve Létourneau)نىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇلار مۇراسىمغا  تەييارلىق قىلغان ۋاقىتتا، فابىيولا ئايال پادىشاھ تىككەن دەرەخنى پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان بايراقنىڭ ئارىلىشىپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار بېلگىيەلىك مېھمانلار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن بۇ خاتالىقنى تۈزىتىۋالغان. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە بايرىقى بىلەن بېلگىيە بايرىقى ئوخشاشلا ئۈچ خىل رەڭدە بولۇپ، ئوخشىمايدىغان يېرى گېرمانىيە بايرىقى توغرا سىزىقلىق، بىلگىيە بايرىقى بولسا تىك سىزىقلىق ئىكەن.

ئالدىنقى مەزمۇن: ياپونىيەلىكلەرنىڭ مائاشى شۇنچە يۇقىرى تۇرۇپ نېمىشقا ئۆي سېتىۋېلىشنى خالىمايدۇ؟
كېيىنكى مەزمۇن: مېگانغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان ئايالنىڭ تىجارىتى يۈرۈشۈپ كەتتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号