ss ss ss ss

ئۇكرائىنادىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «فونتان كۆلچىكى» ئوقۇش پۈتتۈرۈش بايرىمى ئۆتكۈزدى
2017-06-11 11:33:46   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىلىرى، ئۇكرائىنانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش پەسلىگە قەدەم قويىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار كوچىغا چىقىپ، «ئەڭ ئاخىرقى قوڭغۇراق ئاۋازى» بايرىمىنى تەبرىكلىشىدۇ. بۇ كۈندە فونتان كۆلچىكىدە چاقچاقلىشىپ ئويناش پايتەخت كېيىۋدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلىغا ئايلانغان.

گۈزەل قىزلار كېيىۋ مۇستەقىللىق مەيدانىدىكى فونتان كۆلچىكىگە سەكرەپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەشتى.

«ئەڭ ئاخىرقى قوڭغۇراق ئاۋازى» سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەنئەنىۋى بايرىمى. ئادەتتە ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇشنى پۈتۈنلەي تاماملاپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى باشلانمىغان ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ھەر قايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بايرامنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئەزىز مېھمان، مەكتەپ مۇدىرى، يېڭى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار سۆز قىلىش، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمى ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار سۆز قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بايرام كۈنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار كوچىلاردا، ئۆز مەيلىچە خۇشاللىقىنى ئىپادىلەپ، ئۇزۇن يىللىق دەرس تاپشۇرۇقى، سىناق ئىمتىھان قاتارلىقلار بىلەن پۈتۈنلەي «خوشلاشقان»لىقىنى ئىپادىلەپ، بۇنىڭدىن كېيىن قۇرامىغا يەتكەنلىكىنى، جەمئىيەتكە قەدەم قويىدىغانلىقىنى تەبرىكلىشىدۇ.

ئۇلار يەنە شار قويۇپ بېرىش، كوللىكتىپ ۋالس ئويناش قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق بايرامنى تەبرىكلىشىدۇ. بايرام كۈنى، ساقچىلار ئامانلىق تەرتىپىنى قوغداش كۈچى ئاجرىتىپ، تاساددىپىي كوللىكتىپ خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئالدىنى ئالىدۇ.

ئەنئەنە بويىچە، بايرام كۈنى قىز ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ فورمىسىنى (ئادەتتە، قىسقا يەڭلىك ئاق كوپتىغا قارا يوپكا ماسلاشتۇرۇلىدۇ)، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار كاستيۇم كىيىپ، مەيدىسىگە «ئوقۇش پۈتتۈرگۈچى» دېگەن خەت يېزىلغان ئوردېن لېنتىسى ئاسىدۇ. ئادەتتە كىيمگە يەنە ئالاھىدە لاھىيەلەنگەن «كىچىك قوڭغۇراق» ياكى كىچىك قوڭغۇراق رەسىمى سىزىلغان بۇيۇم ئېسىلىدۇ.

مەردانە تىپتىكى قىزلار ئېگىزدىن بىۋاستە فونتان كۆلچىكىگە قاراپ سەكرىدى.

تۆت قىز كۆلچەكنىڭ ئەتراپىدا قىزغىن قۇچاقلىشىپ، كامېراغا قاراپ «غەلبە» قول ئىشارىسنى چىقاردى.

سىپايە تىپتىكى قىزلار، خۇرۇم ئاياغنى قولىغا كۆتۈرۈۋېلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن سۇدىن كەچمەكتە.

گۈزەل قىزچاقلار فونتان كۆلچىكىدە ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خۇشال ئوينىماقتا.

«ئەڭ ئاخىرقى قوڭغۇراق ئاۋازى» بايرام ئەنئەنىسى بۈگۈنگە قەدەر 70 يىللىق تارىخقا ئىگە.



ئالدىنقى مەزمۇن: دۇنيادىكى كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئەڭ غەلىتە جاسۇسلۇق قوراللىرى
كېيىنكى مەزمۇن: تايلاندتىكى مىليون يۈەنلىك بۇقا «توي» قىلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号