ss ss ss ss

كورېيەنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى مۇن جائىننىڭ ھاياتى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇش
2017-05-10 15:32:30   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 10-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 9-ماي كورېيە ئورتاق دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى مۇن جائىن كورېيە پايتەختى سېئولدا نۇتۇق سۆزلەپ، سايلامدا غەلبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. مۇن جائىن 1953-يىلى 1-ئايدا كورېيەنىڭ گېيوجېدو ئارىلىدىكى مۇساپىرلارنى يىغىۋېلىش ئورنىدا تۇغۇلغان بولۇپ، بالىنىڭ چوڭى. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى كيوڭنامدا تاماملاپ، 1972-يىلى كورېيەدىكى داڭلىق كيۇڭخى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.

مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدا ئۇ نامى چىققان «بۇرغۇنچى» بولۇپ، مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلىپ دائىملا ھاراق ئىچىپ، تاماكا چېكەتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 4 قېتىم مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلگەن. ئۇ يەنە نامايىش تەشكىللىگەنلىكى ئۈچۈن 8 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن مەكتەپ ئۇنى رەسمىي چېكىندۈرگەن.

مەكتەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن مۇن جائىن ئالاھىدە ئەسكەر بولغان ھەمدە «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئالاھىدە ئەسكەر» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

1978-يىلى ئۇ ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئادۋوكات بولغان ھەمدە كېيىن كورېيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان روخ مۇخيۇن ( Roh Moo Hyun) بىلەن دوستلۇق ئورناتقان.

گەرچە ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرگە يولۇققان بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي مۇھەببەتكىمۇ ئېرىشكەن. ئايالى كىم جوڭسۇك ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى مەكتەپدىشى بولۇپ، 7 يىلدىن كېيىن توي قىلغان، بىر ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان.

2003-يىلى كورېيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغاندىن كېيىن مۇن جائىن ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى بولۇپ، «روخ مۇخيۇننىڭ سايىسى» دەپ ئاتالغان.

روخ مۇخيۇن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن مۇن جائىن يەنە ئادۋوكاتلىق ئورنىغا قايتقان. بۇ مەزگىللەردە ئۇ شەھەر ئەتراپىدىن ئۆي سېتىۋېلىپ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئېتىزلىقىدا ئىشلەپ، بۇنى «ئۆز-ئۆزىنى سۈرگۈن قىلىش» دەپ ئاتىغان.

2012-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇن جائىن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلاپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق چىقىمىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئادەتتىكى پۇقرالار بىلەن ياشلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. بىراق، ئۇ شۇ ۋاقىتتا مەغلۇب قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە غەلبە قازانغان دېيىشكە بولاتتى.

2017-يىلى ئۇ يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئاكتىپلىق بىلەن بېلەت توپلىغان، قوللاش نىسبىتى باشقا نامزاتلاردىن خېلىلا يۇقىرى بولغان.

شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە كورېيە مەركىزىي سايلام ئىشلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن مۇن جائىننىڭ غەلبە قىلغانلىقى مەلۇم بولغان. شۇنداق قىلىپ، مۇن جائىن ئەركىن كورېيە پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى خوڭ جۇنپيو، خەلق پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ئان چۇلسۇ قاتارلىق رىقابەتچىلىرىنى مەغلۇب قىلىپ 19-نۆۋەتلىك كورېيە زۇڭتۇڭى بولۇپ قالغان.



ئالدىنقى مەزمۇن: يەتتە يىلدا 12 مىڭ كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ ئامېرىكىغا يۆتكەپ كېلىنگەن ئىمارەت
كېيىنكى مەزمۇن: ياپونىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ماتوردا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن رۇسىيەگە جىددىي قوندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号