ss ss ss ss

ياپونىيەدىكى ئاياللارنىڭ بېرىشى چەكلەنگەن مۇقەددەس ئارال دۇنيا مىراسلىقىغا كۆرسىتىلدى
2017-05-09 18:07:37   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

جۇڭگو گېزىتى تورى 9-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە ئاساخى خەۋەرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر چەت ئارال مۇقەددەس جاي دەپ قارىلىپ ئاياللارنىڭ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. يېقىندا ب د ت پەن-مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى بۇ ئارالنى دۇنيا مىراسلىقىغا كۆرسەتكەن، لېكىن بۇ نامزاتلىقنىڭ قوشۇمچە شەرتلىرى بار.

ب د ت پەن-مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى پولشادا يىغىن ئېچىپ، بۇ ئارالنى دۇنيا مىراسلىرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلىدۇ، بۇ نامزاتلىق ئارالدىكى بۇزرۇكگاھ ۋە قەبرە توپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

بۇ ئارالنىڭ ئىسمى ئوكىنوشىما ئارىلى بولۇپ، ياپونىيە تارىخىدا خاتىرىلىنىشىچە، ئارالدىكى بۇزرۇكگاھقا دېڭىز ئىلاھەسى دەپنە قىلىنغانىكەن. ئارالدىن كۆپ مىقداردا مەدەنىي يادىكارلىق تېپىلغانلىقتىن بۇ ئارال يەنە «دېڭىز غەزىنىسى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن.

5-ماي ياپونىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا قەدىمىي خارابىلىك كېڭىشىنىڭ ئوكىنوشىما ئارىلىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدى. بۇ كېڭەش ب د ت پەن-مائارىپ مەدەنىيەت تەشكىلاتى قارمىقىدىكى مەسلىھەتچى ئەترەتلەرنىڭ بىرى.

بىر قىسىم قەدىمىي دىنىي پەرھىزلەر ئوكىنوشىما ئارىلىدا ھېلىمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن، ئاياللار بۇ ئارالغا بارسا بولمايدۇ دېگەندەك. ئارالغا بارىدىغان يولمۇ چەكلىمىگە ئۇچرىغان، ساياھەتچىلەر ئارالدا ساياھەت قىلغان ھەر قانداق ئۇچۇرنى ئاشكارىلىسا بولمايدۇ، ئوكىنوشىما ئارىلىغا تەئەللۇق بىرەر تال گىياھنىمۇ ئەكىتىشكە بولمايدۇ.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 4~9 ئەسىردە بۇ ئارالدا مۇھىم دىنىي مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلگەن ۋە پاراخوتلارنىڭ تىنچ-ئامان بولۇشى ھەمدە جۇڭگو ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇشنى تىلىگەن.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بۇ ئارالدىن 80 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق مەدەنىي يادىكارلىق تېپىلغان، ئۇلار ئالتۇن ئۈزۈك، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىن كەلتۈرۈلگەن ئات جابدۇقلىرى ۋە يىپەك يولى ئارقىلىق ياپونىيەگە كىرگەن ئەينەك مارجانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 



ئالدىنقى مەزمۇن: جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ قىلىدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك 10 خىزمەت
كېيىنكى مەزمۇن: دۇنيادىكى بىردىنبىر دېڭىزدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ: يىللىق ئوقۇش پۇلى 410 مىڭ يۈەن

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号