ss ss ss ss

رۇسىيەدە بىر ئەر چوڭ شارنىڭ ئىچىگە كىرىپ يولدا دومىلاپ كىشىلەرنى چۆچۈتىۋەتتى
2017-04-30 16:20:53   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

جۇڭگو ياشلار تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى.

يېقىندا رۇسىيەنىڭ پېرم شەھىرىدە بىر ئەر يېرىم سۈزۈك بىر زور شارنىڭ ئىچىگە كىرىپ، نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئۆتۈشۈپ تۇرغان چوڭ يولدا دومىلاپ مېڭىپ، ناھايىتى خەتەرلىك كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغان. يولدىن ئۆتمەكچى بولۇپ تۇرغان كىشىلەر بۇ مەنزىرىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قېلىشقان. سۈرەتتە بىر ئەر يوغان بىر شارنىڭ ئىچىگە كىرىپ، يولنىڭ ئوتتۇرىسدا دومىلاپ ماڭماقتا.

بۇ ئەر شارنىڭ ئىچىدە يېتىۋېلىپ، شارنى كۈچەپ تېپىپ خۇددى ئامبار چاشقىنىدەك ئالدىغا قاراپ دومىلاپ ماڭغان. بۇ كۆرۈنۈش توردا تارقالغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان تورداشلار تۇشمۇتۇشتىن بۇ ئەرنىڭ قىلمىشىنى غەلىتە دەپ قارىغان، ئەمما يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىچە بۇنداق چوڭ شارنى چوقۇم سۇ يۈزىدە ئويناش كېرەك ئىكەن، بۇنداق چوڭ يولدا دومىلاپ ماڭغاندا كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش تەس ئىكەن.

كوچىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قاتناش باشقۇرۇش كامېراسىغا چۈشكەن كۆرۈنۈشتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يولدىن كېسىپ ئۆتمەكچى بولغان بىر ئەر يولۇچى سەۋرچانلىق بىلەن يېشىل چىراغنىڭ يېنىشىنى ساقلاپ تۇرغاندا، كۈتۈلمىگەن يەردىن يوغان بىر شارچە تۇيۇقسىز يولنىڭ ئوتتۇرىسدا دومىلاپ كەلگەن، بۇ كۆرۈنۈش مەزكۇر يولۇچىنى چۆچۈتىۋەتكەن. سۈرەتتە يولدىن ئۆتمەكچى بولۇپ تۇرغان ئەر يوغان شارنىڭ دومىلاپ كېلىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرماقتا.



ئالدىنقى مەزمۇن: ئەنگلىيە تايمىس دەريا ساھىلىدا لاي پاتقاق توسالغۇ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
كېيىنكى مەزمۇن: تىرامپ: ئەگەر چاۋشيەن يادرو سىناق قىلسا ھەربىي ئىنكاس قايتۇرۇشنى چەتكە قاقمايمەن

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号