ss ss ss ss

ئامېرىكىنىڭ B-52 بومباردىمانچى ئايروپىلانى گۇئام ئارىلىدا قۇش سەۋەبلىك پاچاقلىنىپ كەتكەن
2017-04-26 19:36:56   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

تېڭشۈن تورى 26-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:  

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ 25-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر دانە B-52H ئىستىراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى ماتور قۇشنى شورىۋالغانلىقتىن پۈتۈنلەي پاچاقلىنىپ كەتكەن. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، ئايروپىلان ئۇچۇۋاتقاندا بىر قۇش ماتورغا كىرىپ كەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ۋەقە 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى يۈز بەرگەن.

شۇ كۈنى ئۇ ئىستىراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان مانىۋېرغا قاتناشقان. ئايروپىلان ئەمدى ئۇچقاندىلا ماتور سۆرەش كۈچىنى يوقاتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇچقۇچى قونۇشنى قارار قىلغان.

لېكىن سۈرئەت بەك تېز بولغانلىقتىن سۆرەلمە پاراشوت ئايروپىلاننىڭ ھەرىكىتىنى ئوڭۇشلۇق كونترول قىلىشقا كاپالەتلىك قىلالمىغان، ئايروپىلان قونۇش يولىدىن چىقىپ كەتكەن ھەم ئوت كەتكەن. ئاخىرىدا 112 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قىممەتتىكى بۇ بومباردىمانچى ئايروپىلان پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتكەن. ئايروپىلاندىكى خادىملار ئايروپىلاندىن ئوڭۇشلۇق ئايرىلغان.

شۇ چاغدا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى گۇئام ئارىلىدا بىر دانە B-52H ئىستىراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان ئۇچۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا چۈشۈپ كەتتى، ھازىر يەتتە ئايروپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسى بىخەتەر دېگەن. گۇئام ئارىلى تاراتقۇسى «تىنچ ئوكيان كۈندىلىك خەۋەرلىرى»نىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە شۇ جاي ۋاقتى 19-ماي 8:30لەردە يۈز بەرگەن.

بۇ B-52H ئىستىراتېگىيەلىك بومباردىمانچى ئايروپىلان 69-يىراق سەپەر بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەترىتىگە تەۋە بولۇپ، شىمالىي داكوتا ئىشتاتىدىكى مىنوت ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن گۇئام ئارىلىدىكى ئاندېرسېن ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا بارغان. 



ئالدىنقى مەزمۇن: لوس ئانژېلېس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، بىر ئادەم قازا قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: 39 ياشلىق فىرانسىيە زۇڭتۇڭ نامزاتى ماكرون ۋە ئۇنىڭ 63 ياشلىق ئايالى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号