ss ss ss ss

تۇنجى نۇسخىدىكى رەڭسىز قەھۋە دۇنياغا كەلدى
2017-04-26 19:29:28   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

جۇڭگو كۈندىلىك گېزىتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

قەھۋە ئىشچىنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ كۆپ قىسمى چىشنىڭ سارغىيىپ قېلىشىدىن غەم قىلىدۇ. ئەمما، بۇنىڭدىن كېيىن قەھۋە ئىچسەم چىشىم سارغىيىپ قالارمۇ دەپ غەم قىلىشىڭىز ھاجەتسىز، يېقىندا تۇنجى نۇسخىدىكى رەڭسىز قەھۋە بارلىققا كەلدى، بۇ قەھۋە سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى بارلىق غېمىڭىزنى تۈگىتىدۇ. ماۋۇ قۇتىدىكى سۈزۈك سۇغا ئوخشايدىغان ئىچىملىك بىز دەۋاتقان رەڭسىز قەھۋە شۇ. بىراق، بۇ قەھۋەنىڭ بىز ئادەتتە ئىچىپ كېلىۋاتقان رەڭلىك قەھۋەدەك تەمى بارمۇ-يوق؟ تۆۋەندە تاراتقۇلارنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن باھاسىنى كۆرۈپ باقايلى. 

ھەممە كىشىنىڭ دېگۈدەك قەھۋە ئىچكۈسى كېلىدۇ، بىراق نېمىشقىدۇر قەھۋە ئىچىشكە پېتىنالمايدۇ، نېمىشقا دەمسىز؟ چۈنكى ئۇلار مىڭ تەسلىكتە ئاقارتقان مارجان كەبى چىشلىرىنىڭ سارغىيىپ قېلىشىدىن غەم قىلىدۇ. ئەمما، بۇنىڭدىن كېيىن چىشىم سارغىيىپ قالارمۇ؟ دېگەن سۆزنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. چۈنكى، تۇنجى نۇسخىدىكى رەڭسىز قەھۋە بارلىققا كەلدى. 

سىلوۋاكىيەلىك ئاكا-ئىنى David بىلەن Adam Nagy ئىزچىل بىرخىل قەھۋە ئىزدەپ كەلگەنىدى، يەنى بۇ قەھۋدە ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان تەبىئىي تەم بولۇش ھەم چىشنى سارغايتىپ قويماسلىق، بىراق جاپالىق ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى چىقمىغاندىن كېيىن، ئۇلار ئاخىرى ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىجاد قىلىشنى قارار قىلدى. ئاكا-ئىنى ئىككىيلەن بۇ ئىجادىي ئىچىملىككە CLR CFF دەپ ئىسىم قويغان، ئاڭلىماققا بۇ ئىسىمدا ھېچقانداق سوزۇق تاۋۇش يوقتەك، ئېنىق ھەم كەسكىندەك بىلىنىدۇ. 

بۇنى ئاڭلاپ ئۇ ئىككىسىنى ھەييارلىق قىلىۋاتامدىكىن دەپ قالماڭ، David بىلەن Adam Nagy نىڭ دېيىشىچە ئۇلار بۇ قەھۋەنى ئاربىكا قەھۋە پۇرچىقى بىلەن ساپ سۇدىن ياساپ چىققان، بۇنىڭغا ھېچقانداق چىرىتىشتىن ساقلىغۇچى خۇرۇچ، سۈنئىي خۇشپۇراق خۇرۇچى، تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ ياكى شېكەر قوشمىغان. ئىككىيلەن ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ ھەم ئەسلى تەمىنى ساقلاپ قالغان رەڭسىز قەھۋەنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ھازىرچە، ئۇلارنىڭ رىسالىسى مەخپىيكەن. 

ئۇنداقتا رەڭسىز قەھۋەنىڭ تەمى قانداق؟ ئىنگلىزچە گېزىت «Metro» نىڭ خىزمەتچىسىنىڭ دېيىشىچە، تەمى ھەر ھالدا بولىدىكەن. ئۇ رەڭسىز قەھۋەنى ئىچكەندىن كېيىنكى تەسىراتىغا مۇنداق دەپ يازغان: «سىزنى بىر ئىستاكان قەھۋە دەملەپ ئىچتى دەپ ئويلايلى، ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئىستاكاننى يۇيۇشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىز، ئىككىنچى كۈنى سىز ئاشۇ ئىستاكاندىكى قەھۋە پۇرچىقى قالدۇقىغا سوغۇق سۇ قۇيىسىز، مانا بۇ دەل رەڭسىز قەھۋەنىڭ تەمى. ئەمەلىيەتتە سۇ بىلەن جىق پەرقى يوق، پەقەت ئازراق قەھۋە تەمى بار سۇ ئىچكەندەك ھېس قىلىسىز، خالاس». 

شۇنىڭدەك «بايراق كەچلىك گېزىتى» گە مۇنداق يېزىلغان: «CLR CFF قەھۋەسىنىڭ تەمى بەك قېنىق، كۈچلۈك سوغۇق پىۋىغا ئوخشايدۇ. شۇڭا مەن ئۆزىڭىز تېتىپ باققاندىن كېيىن رەڭسىز قەھۋە بىلەن ھەقىقىي قەھۋەنىڭ تەمىدە قانچىلىك ئوخشاشلىقىنى بارلىقىنى پەرەز قىلىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن». 

كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، رەڭسىز قەھۋە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا پەقەت ئەنگلىيە بىلەن سىلوۋاكىيەدە سېتىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىدە 200 مىللىمېتىرلىق بوتۇلكىغا قاچىلانغان رەڭسىز قەھۋەنىڭ باھاسى 26 يۈەن. بۇنى ئانچە ئەرزان دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، بىراق سىتارباكىسنىڭ قەھۋەلىرىدەك قىممەتمۇ ئەمەس، بۇ خىل قەھۋەنى تېتىپ بېقىش ئارزۇيى بارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ باھانى قىممەت دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. 

بۇ خىل رەڭسىز قەھۋەنى توردىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ، 5 خالتا قاچىلانغىنىنىڭ باھاسى 138 يۈەن، بىراق بىر مەھەل ساقلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئىچەلەيسىز. نۆۋەتتە، توردا بۇ خىل رەڭسىز قەھۋەگە قىزىقىدىغانلار كۆپكەن، شىركەت زاكاز تاپشۇرۇۋېلىپ، تۆت ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن مال تارقىتىدىكەن. 



ئالدىنقى مەزمۇن: قىز تاماكا قېپىغا ئۆلۈپ كەتكەن دادىسىنىڭ سۈرىتى بېسىلغانلىقىنى بايقاپ قالدى
كېيىنكى مەزمۇن: دۆلىتىمىزدە ياسالغان ئاۋىياماتكىنىڭ سۇغا چۈشۈرۈلگەندىكى سۈرىتى ئېلان قىلىندى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号