ss ss ss ss

ئامېرىكىنىڭ «يەنە بىر دۆلەت ئاتىسى» بېنيامىن فىرانكلىن
2017-04-19 10:59:56   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەگەر بىر ئادەمنىڭ پورترېتى «پۇل» نىڭ ئۈستىگە بېسىلسا، ئۇ مەزكۇر دۆلەتنىڭ مەنىۋى ۋە قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ دۆلەتكە قوشقان تۆھپىسىگە بېرىلگەن ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

نۆۋەتتە ئوبوروت قىلىنىۋاتقان ئامېرىكا دوللىرىدا بىر دوللارنىڭ ئۈستىگە بېسىلغىنى دۆلەت ئاتىسى جورجى ۋاشىنگتون (George Washington)نىڭ پورترېتى، 100 دوللارنىڭ ئۈستىگە بېسىلغىنى بولسا بېنيامىن فىرانكلىننىڭ پورترېتى، فرانكلىن بولسا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاتىسى، كاپىتالىزم روھىنىڭ مەنىۋى ۋەكىلى دەپ ئاتالغان.  

بېنيامىن فىرانكلىن 1706-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكا ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ بوستون شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، 1790-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن، ئۇ ئامېرىكىنىڭ داڭلىق سىياسىيونى، فىزىكا ئالىمى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە نەشرىيات سودىگىرى، مەتبەئە سودىگىرى، مۇخبىر، يازغۇچى، خەير-ساخاۋەتچى، تېخىمۇ مەشھۇر بولغىنى ئۇ بىر دېپلومات ۋە كەشپىياتچى.  

فىرانكلىننىڭ ئابرويلۇق نەسەبى يوق، تۇرمۇشى باياشات ئەمەس، پەقەت مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشى، تۇرمۇشتىكى ئاددىي-ساددىلىقى ۋە تىز پۈكمەس كۈرەش ئىرادىسى بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن، ئۇ ئامېرىكا پىرېتسىسسىئانىزم ئىدىيەسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى.

بېنيامىن فرانكلىن 1775-يىلى ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكە چوڭ قۇرۇقلۇقى قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، «ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نى تۈزۈشكە قاتناشقان. 

ئىككىنچى يىلى فىرانكلىن ئامېرىكا ۋەكىلى سۈپىتىدە فرانسىيەگە ئەۋەتىلگەن، بېنيامىن فىرانكلىننىڭ فرانسىيە سەپىرى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق 1783-يىلى «پارىژ شەرتنامىسى» ئىمزالانغان.

ئۇ ئىلىم-پەن ساھەسىدە چاقماق قايتۇرغۇچنى ئىجاد قىلغان، يېڭى تىپتىكى مەش ئىجاد قىلغان، قوش فوكۇسلۇق كۆزئەينەك ئىجاد قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا مېتېئورولوگىيەلىك ئالدىن مەلۇمات بېرىش سىستېمىسى تۈزۈپ چىققان.  

ئامېرىكىلىقلار ئىزچىل تۈردە فرانكلىن بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئامېرىكا بولغان دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ۋاشىنگتون بىلەن فرانكلىن ھەر ئىككىسى ئەڭ كۈچلۈك تۇنجى زۇڭتۇڭ نامزاتى ئىدى. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئەينى چاغدا قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ھوقۇقى زۇڭتۇڭىنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا چوڭ ئىدى. شۇنداق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەگەر فرانكلىن خالىغانلا بولسا ئۇنداقتا ۋاشىنگتوننىڭ غەلبە قىلىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. ئەمما فرانكلىن «ھوقۇق»تىن ۋاز كەچكەن.  

فىرانكلىننىڭ تۆھپىسى ئىنتايىن چوڭ، بىراق ئۇ نام ۋە مەرتىۋە قوغلاشمىغان، ئۆلۈش ئالدىدا كۆپ قىسىم مال-مۈلكىنى ئىئانە قىلىۋاتقان، سان-ساناقسىز كەشپىياتى بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن پاتېنت ئىلتىماس قىلىپ باقمىغان. گەرچە ۋاشىنگتون «دۆلەت ئاتىسى» بولۇپ كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر يەنە بىر «دۆلەت ئاتىسى» فىرانكلىننى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ.  

بەزىلەر فرانكلىن 18-ئەسىردىكى ۋاشىنگتوندىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان داڭلىق كىشى دېيىشىدۇ.



ئالدىنقى مەزمۇن: ئاق سارايدا پاسخا بايرىمىلىق رەڭلىك تۇخۇم دومىلىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئەنگىلىيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى سېلىشتۇرمىسى: قايسى تېخىمۇ كۈچلۈك؟

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号