ss ss ss ss

ياپونىيەدە قەغەز قاتلايدىغان ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسى بارلىققا كەلدى
2017-04-17 18:14:48   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 17-ئاپرېل خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياپونىيە «ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشنىسى چوڭ دۆلىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. تۇخۇم، پەمىدۇر، تەييار چۆپ...ئۇ ساتمايدىغان ھېچنېمە بولماسلىقى مۇمكىن.

ھازىر ئېخىمې ناھىيەسى كىتا ۋىلايىتىدە يەنە بىر خىل قەغەز قاتلايدىغان ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسى بارلىققا كەلدى. ياپونىيە 24 سائەتلىك قىزىق نۇقتا خەۋەرلىرى تور بېكىتى «راكېتا خەۋەرلىرى»گە بېسىلغان سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ قارىماققا ئادەتتىكى ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسىدىن پەرقلەنمەيدىكەن، پەقەت ئىچىگە قويۇلغان تاۋارلارنىڭ ھەممىسى قولدا قاتلانغان رەڭدار قەغەزلەر ئىكەن، بۇ قولدا قاتلانغان قەغەزلەرنىڭ ئايروپىلان، ئالتۇن بېلىق ھاۋا شارى، بۆجەن ھاۋ شارى، پاقا قاتارلىق 10 نەچچە خىل شەكلى بار، يەككە باھاسى ئادەتتىكى نۇسخىنىڭ 10 يىن (تەخمىنەن 0.63 يۈەن) ۋە 50 يىن (3.17 يۈەن) ھەمدە پەسىل چەكلىمىسى بار نۇسخىنىڭ 30 يىن (1.9 يۈەن) ، شۇڭا سىرتقى ئورالمىسىنىمۇ ئوخشىمىغان ئېھتىياج بويىچە تاللىغىلى بولىدۇ.

قولدا قاتلانغان بۇ قەغەزلەر خېرىدارلارغا خۇشال بالىلىقىنى ئەسلىتىدۇ، ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسىدىكى بىر كىچىك تەپسىلاتمۇ دىققەتنى تارتىدۇ: سودىگەر ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسىنىڭ ئاستىغا بىر قۇرۇق خالتا چاپلاپ قويغان بولۇپ، خېرىدارلارغا قەغەزدىن قاتلانغان ئورالمىغا ئېھتىياجى بولمىسا ئۇنىڭ قاتلىقىنى ئاچقاندىن كېيىن خالتىغا سالسا بولىدىغانلىقىنى، يىغىۋېلىپ قايتا پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. 



ئالدىنقى مەزمۇن: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ F-15 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان توپى ئامېرىكىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: تىرامپ ئارىمىنى تۈگىتىپ ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن قايتىپ كەلدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号