ss ss ss ss

پورتۇگالىيەدە تۇرۇشلۇق ئىراق ئەلچىسى ئوغلىنىڭ ئادەم ئۇرۇشى دىپلوماتىيە ماجىراسى كەلتۈرۈپ چىقاردى
2017-01-22 12:01:27   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

       رەسىمدە، ئىراق پايتەختى باغداد شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ۋەكىل خاراكتىرلىك ئىمارەت، مەنسۇر مېھمانسارىيى.

  پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورىنىڭ 21-يانۋاردىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق ھۆكۈمىتى 19-چېسلا كۈنى پورتۇگالىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەد رىزا (Mohammad Reza) نى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇپ كەلگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىراق ھۆكۈمىتى پورتوگالىيە تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يۇقارقى باش ئەلچىنىڭ ئوغلىغا قارىتا دىپلوماتىيە كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغانىدى. ئىراقنىڭ پورتۇگالىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇھەممەد رىزانىڭ بىر جۈپ قوشكېزەك ئوغلى پورتۇگالىيىلىك بىر ئۆسمۈرنى ۋەھشىيلەرچە ئۇرۇپ دۇمبالىغان دەپ ئەيىبلەنگەنىدى.

      فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پورتۇگالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاگۇستو سانتوس سىلۋا  (Santos Augusto Silva) نىڭ ئېيتىشىچە، ئىراقنىڭ پورتۇگالىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاللىقاچان باغدادقا قايتۇرۇپ كېتىلگەن.

      پورتۇگالىيە تەپتىش ئورگىنى   ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ماجراغا ئالاقىدار ھەيدەر بىلەن ئەلى ( يەنە ئىراقنىڭ پورتۇگالىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ قوشكېزەك ئوغۇللىرى) نى سوراق قىلماقچى بولغان. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق ۋەقەدە 15 ياشلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ باش سۆڭىكى سۇنۇپ كەتكەن.

 سىلۋا لىسبوندا مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن:«پورتۇگالىيە تەرەپ ھازىرچە ئىراقنىڭ بۇ باش ئەلچىسىنى قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم دەپ ئېلان قىلمىغان، ئۇ پەقەت ئۆز دۆلىتى ئىراق تەرىپىدىن قايتۇرۇپ كېتىلگەن».

 ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە پورتۇگالىيە تەرەپ ئۇدا بۇ ھەقتە ئۆز تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن «ئىراق دائىرلىرى بۇ باش ئەلچىنىڭ ئىككى ئوغلىغا قارىتا دىپلوماتىيە كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى تەلەپنىڭ ئاساسى تولۇق ئەمەسلىكى» نى ئېيتقان ئىكەن.

      شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، پورتۇگالىيىنىڭ پونتېدېسور (Pontedesor) شەھىرىدە، شۇ جايدىكى كىشىلەر بىلەن ئىراقنىڭ پورتۇگالىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ قوشكېزەك ئوغلى ئۇچقۇچىلار مەكتىپىدە ئۆز ئارا تىللىشىپ قالغان بولۇپ، كەينىدىن مۇشتلىشىش ۋەقەسى كېلىپ چىققان.

     ئەينى چاغدا  ئىراقنىڭ پورتۇگالىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ 17 ياشلىق قوشكېزەك ئوغۇللىرى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، لېكىن كېيىن بۇ قوشكېزەك ئوغۇللارنىڭ دىپلوماتىيە كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقى بولغانلىقى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلگەن.

      ئىراق تەپتىش ئورگىنى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىراق  باش ئەلچىسىنىڭ ئوغۇللىرىغا قارىتا دىپلوماتىيە كەچۈرۈم قىلىنىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى يەنە قايتا ئوتتۇرىغا قويغان.



ئالدىنقى مەزمۇن: ئاخىرقى دەرەخ ئۆي سىزنى قۇتۇب نۇرى ئاستىدىكى ئۇيقۇغا باشلايدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: رۇمىنىيەدىكى بىر كېچىلىك بەزمىخانىغا ئوت كەتتى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号