ss ss ss ss

ياپونىيەدە ساختا ئالما مەھسۇلاتلىرى ساتقان ئەر قولغا ئېلىندى
2017-01-06 21:07:13   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


خەلقئارا سىملىق لىنىيە خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ياپونىيە «سانكېي خەۋەرلىرى»نىڭ 1-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ياپونىيە ئايچى ناھىيەسى (Aichi-ken)دىكى ساقچى دائىرىلىرى ساختا ئالما كومپىيۇتېرى توك مەنبە ماسلاشتۇرغۇچىسى ئەتكەس قىلىپ سېتىش جىنايىتى بىلەن ياپونىيەنىڭ ناگويا شەھىرى (Nagoya)نىڭ غەربىي رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق جۇڭگولۇق 30 ياشلىق ئەر لىن چېڭچىنى قولغا ئالغان. بۇ ئەر ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىغا ئىقرار بولغان ھەم ئۆزىنىڭ ساختا ئالما كومپىيۇتېرى توك مەنبە ماسلاشتۇرغۇچىسى سېتىپ تۇرمۇش پۇلى تاپماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا ياپونىيە ئوتتۇرا قىسىم ئايرودرومىدىكى ناگويا تاموژنا خادىملىرى جۇڭگودىن ئەۋەتىلگەن بىر پوسۇلكىنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 100 دانە ساختا ئالما كومپىيوتېرى توك مەنبە ماسلاشتۇرغۇچىسى بارلىقىنى بايقىغان ھەم جۇڭگولۇق ئەر لىن چېڭچىدىن گۇمانلانغان.

لى چېڭچىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ھازىرغا قەدەر  3500 ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 208 يۈەنگە تەڭ)دىن 4500  ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 268 يۈەنگە تەڭ)غىچە باھادا تەخمىنەن 200دەك ساختا ئالما كومپىيۇتېرى توك مەنبە ماسلاشتۇرغۇچىسىنى ساتقان ئىكەن.




ئالدىنقى مەزمۇن: فىرانسىيەلىك ئەر ئېغىرلىقى ئارانلا 10 كىلوگىرام كېلىدىغان ياغاچ ۋېلىسىپت ياسىدى
كېيىنكى مەزمۇن: ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا مېي 2-ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، تىرامپ بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号