ss ss ss ss

ھىندىستاندىكى بىر كەنتتە چىشى شىر پەيدا بولۇپ، كالىدىن بىرنى يەۋەتتى
2016-12-20 17:25:35   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، ھىندىستاننىڭ ئەمر ئەلى ناھىيەسىدىكى بىر كەنتتە چىشى شىردىن بىرى پەيدا بولۇپ، شۇ كەنتتىكى كالىدىن بىرنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن نەق مەيداندا يېيىشكە باشلىدى. 

بۇ كەنتنىڭ گېل ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 10 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى بۇ شىرنى شۇ جايدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلدى. چۈنكى كەنت ئاھالىلىرى دائىم ئەتراپتىكى ئورمانلىقلاردا شىر ياكى باشقا ھايۋانلارنى ئۇچرىتىپ قالاتتى. بىراق ئۇلار ھېچقاچان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئادەم كۆپ جايغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى.

بۇ شىر كىشىلەردە ھەم قورقۇش ھەم قىزىقىش كەيپىياتى پەيدا قىلدى. بۇ شىر دەسلەپ  يۈك ماشىنىسى ئارقىلىق قوغلىۋېتىلگەندىن كېيىن، كەچ سائەت 7 لەردە يەنە قايتىپ كېلىپ تېخى يەپ بولالمىغان كەچلىك تامىقىدىن ھوزۇرلاندى.

كەنت ئاھالىلىرى ئورمانچىلىق ئىدارىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك خادىملار دەرھال بۇ شىرنى تۇتتى ۋە ئۇنىڭ ئىلگىرى ئىنسانلارغا زىيان يەتكۈزۈپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.



ئالدىنقى مەزمۇن: ئېكۋاتوردا 5.7 بال يەر تەۋرەپ 3 ئادەم قازا قىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: تىرامپ رۇسىيە باش ئەلچىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسىگە ئىپادە بىلدۈردى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号