ss ss ss ss

مال دوختۇرى ئوۋچىلىق قىلىۋاتقاندا تىك ياردىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلدى
2016-12-18 17:47:20   مەنبە:   كۆرۈلىشى:

  ئەنگىلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوۋچىلىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بىر مال دوختۇرى يېقىندا ئۆزىنىڭ ئوۋ ئولجىسى بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى توردا ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ تىل-ھاقارىتىنى قوزغىغان. بۇ مال دوختۇرى يەنە بىر قېتىملىق ئوۋچىلىق جەريانىدا، مۇز ئۈستىدە تېيىلىپ كېتىپ 100 ئىنگلىز مىلى (تەخمىنەن 30 مېتىرغا تەڭ) چوڭقۇرلۇقتىكى تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن. تورداشلار بۇ ئوۋچىلىق ھەۋەسكارىنىڭ ئۆلۈمىگە قارىتا ئۇنچە بەك ھېسداشلىق قىلىپ كەتمىگەن بولۇپ، تورداشلار ئىپادە بىلدۈرۈپ بۇلارنىڭ ھەممىسى <قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى تارتقانلىق> دېگەن.

  55 ياشلىق لۇسىيانو پونزېتتو (Luciano Ponzetto) ئىسىملىك بۇ ئەر ئۆتكەن يىلى ئۆزىنىڭ ئوۋ ئولجىسى بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى تورغا چىقارغانلىقى سەۋەبىدىن سېسىق نامى پۇر كەتكەنىدى. يېقىندا ئۇ دوستى بىلەن ئوۋ ئوۋلىغىلى چىققاندا تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئىتالىيە ساقچى تەرەپ باياناتچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: <بۇ مال دوختۇرىنىڭ دوستى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن تاغلىق رايون قۇتقۇزۇش تارمىقىدىن قۇتقۇزۇش ياردىمى تەلەپ قىلغان بولۇپ، كەينىدىن بۇ تارماق بىزگە بۇ ۋەقەنى مەلۇم قىلدى>.

  ساقچى تەرەپ مۇنداق دېگەن: <بۇ مال دوختۇرىنىڭ جەسىتى تىك ئۇچار ئايروپىلاندا ئىزدەش ئارقىلىق بايقالغاندىن كېيىن شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. ئۇ قارىغاندا ئوۋ ئوۋلاۋاتقاندا تېيىلىپ كېتىپ تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كەتكەندەك قىلاتتى. بۇ كۈتۈلمىگەن ۋەقە ناھايىتى تۇيۇقسىزلا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ھېچقانداق قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشقىمۇ پۇرسەت چىقماي قالغان>.

 لۇسىيانو پونزېتتو (Luciano Ponzetto) ئىسىملىك بۇ مال دوختۇرى ھەمىشە ئۆزىنىڭ ئوۋ ئولجىسى بىلەن چۈشكەن رەسىملىرىنى تورغا چىقارغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىغان، گەرچە بۇ مال دوختۇرى ئۆزىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆزىنى ئاقلىغان بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن تورداشلار ئۇنىڭغا ئېلخەت يېزىپ تىللىغان ھەتتا بەزى كىشىلەر ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان. ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا، لۇسىيانو پونزېتتونىڭ باياناتچىسى ئۇنىڭ قانۇنىي تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق بۇ ئىش توغرىسىدا خەۋەر بەرگەن تاراتقۇ بىلەن <كۈرەش قىلىدىغانلىقى> نى ئېيتقان.  لۇسىيانو پونزېتتونىڭ قارىشىچە، تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى بۇلغىغان بولۇپ، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئوۋچىلىق قىلمىشى ئاممىۋى مەنپەئەتكە تاقاشمىغاچقا، تاراتقۇلار ئەسلىدە ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنى خەۋەر قىلماسلىقى لازىم ئىكەن.



ئالدىنقى مەزمۇن: ئەنگىلىيەدىكى 101 ياشلىق بوۋاي بالىلارغا پوخۇرلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن جازا بېكىتىلدى
كېيىنكى مەزمۇن: تونگانىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا 5.2 بال يەر تەۋرىدى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号