ss ss ss ss

ئاۋستىرىيەلىك قىز سەككىز يىل جىنسىي قۇل قىلىندى
2016-09-27 19:08:21   مەنبە:   كۆرۈلىشى:


جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 25-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋستىرىيىلىك ناتاشا كامپۇس (Natascha Kampusch) ئون ياش ۋاقتىدا ۋولىفگاڭ پىرىكلوپىل (Wolfgang Priklopil) تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ناتاشا كامپۇس قېچىپ چىققاندىن كېيىن، ۋولىفگاڭ پىرىكلوپىل ئۆلۈۋالغان، بىراق ھازىر 28 ياشقا كىرىپ قالغان ناتاشا ئۆزى بۇرۇن تۇتقۇن قىلىنغان شۇ ئۆيدە تۇرىۋاتقان بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆي تازلايدىكەن.


1998-يىلى ئەمدىلا 10 ياشقا كىرگەن ناتاشا كامپۇس مەكتەپكە كېتىۋاتقاندا كومپىيوتىر تېخنىك خادىمى ۋولىفگاڭ پىرىكلوپىل تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، ۋولىفگاڭ پىرىكلوپىل قىزنى يەر ئاستى ئۆيىگە سەككىز يىل بەنت قىلىۋالغان. بۇ جەرياندا ئۇ قىزنى ئۇرۇپ-تىللاپ، ۋاقتىدا تاماق بەرمەيلا قالماي يەنە ئۆزىنىڭ جىنسى قۇلىغا ئايلاندۇرىۋالغان. ۋولىفگاڭ پىرىكلوپىل ناتاشا كامپۇسنى يەر ئاستى ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ماشىنا يۇيغىلى سالغان، بۇ جەرياندا چاڭ-توزان شۈمۈرگۈچنىڭ ئاۋازى يۇقىرى بولغاچقا، تېلېفون قوبۇل قىلغاندا يىراقراق جايغا بېرىشقا توغرا كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ناتاشا ئىشىكنىڭ تاقالمىغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال قېچىپ كەتكەن. ناتاشانىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، ۋولىفگاڭ پىرىكلوپىل ياتاق ئۆيىدە ئۆلۈۋالغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ناتاشا كامپۇس ۋولىفگاڭ پىرىكلوپىلنىڭ ئۆيىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ناتاشا بۇ ئۆينى چوقۇم كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدۇ، دەپ ئويلىغان، بىراق ئۇ ھەپتە ئاخىرى ئۆزى بۇرۇن قۇل قىلىنغان بۇ ئۆيدە تۇرۇپلا قالماي تازىلاپ پاك-پاكىز قىلىۋەتكەن. بۇ ئۆي ناتاشانىڭ دوزاخ كەبى ئۆتكۈزگەن ھاياتىغا گۇۋاھ بولغان بولغاچقا، ناتاشا بۇ ئىشنى ئۆزىنى داۋالايدىغان يېڭى ئۇسۇل قىلىۋالغان.

ناتاشانىڭ كىتاب قىلىپ يېزىلغان، كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن، ئۇ يەنە تېلېۋىزىيە پىروگىراممىسىغىمۇ قاتناشقان، بۇ ئارقىلىق ئۇ بەش مىليون فوندستىرلىڭ (تەخمىنەن 43 مىليون 300 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى) كىرىم قىلغان. ھازىر ساقچىلار ۋولىفگاڭ پىرىكلوپىلنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى ئېنىقلاۋېتىپتۇ، ئىككى نەپەر جەسەت تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ قارىشىچە، ۋولىفگاڭ پىرىكلوپىلنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن.




ئالدىنقى مەزمۇن: دۇنيادىكى «ئەڭ گۈزەل بىر جۈپلەر» تاللىنىۋاتىدۇ، سىرلانكا خان جەمەتى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ
كېيىنكى مەزمۇن: «ئۇچار يىگىت» ئاپتوموبىل ئەترىتى ئېغىر قاتناش قىستاڭچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى

分享到: 收藏
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

قۇياش تورى : www.kuyax.cn

شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى تور بېكەت 

新疆库亚西国际商贸有限公司旗下网站

ئېلان ئالاقە تېلېفونى : 13999999701

新ICP备16000562号-4

新公网安备 65010302000079号